باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چوڭ شەھەرلەردە نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى قويىۋەتسە، نىمىلەرگە تەسىر يەتكۈزىدۇ

گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى لۇ يانەن

2019.04.10 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4- ئاينىڭ 8- كۈنى دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى «2019- يىللىق يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نۇقتىلىق ۋەزىپە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى .

  بۇ ھۆججەتتە مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىلگىرى شەھەر رايونىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 1 مىليوندىن تۆۋەن بولغان ئوتتۇرا-كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر-بازارلاردا ئەمدى نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلغان ئاساستا، شەھەر رايونىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان Ⅱ تىپلىق چوڭ شەھەرلەردە نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش كېرەك؛ شەھەر رايونىدا دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسى 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە بولغان I تىپلىق چوڭ شەھەرلەر نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىشى ھەمدە نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىشى كېرەك.

  نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىش سىياسىتى ئۆي-مۈلۈك بازىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرەمدۇ؟

  69 شەھەردە ھازىر نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ياكى كەڭ قويۇۋېتىپ، شەھەرلەر ئارا ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى

  كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان «نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر»گە ئاساسەن، بۇ يىل نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسى قويۇۋېتىلگەن شەھەرلەردىن قايسى شەھەرلەر بار؟

  تۇرالغۇ جاي ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىستاتىستىكا يىلنامىسى»دىن قارىغاندا، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شەھەر رايونىدىكى دائىملىق نوپۇسى 1 مىليوندىن 5 مىليونغىچە بولغان شەھەرلەردىن ھازىر 69 شەھەر بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شىئەن، شېنياڭ، خاربىن، كۇنمىڭ، جېڭجۇ، خاڭجۇ، جىنەن، چىڭداۋ، داليەن ۋە چاڭچۈن قاتارلىق 10 شەھەرنىڭ نوپۇسى 3 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ شەھەرلەر نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋەتكەن شەھەرلەر قاتارىغا كىرىدىكەن.

  "نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش" شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەرلەردىن 59ى بار بولۇپ، بۇلار، چاڭشا، لوياڭ، سۇجۇ، ۋۇشى، ياڭجۇ، خېفېي، نىڭبو، فۇجۇ، شيامېن ۋە نەننىڭ قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  «ئىختىساسلىقلار سىياسىتى ئەمدى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش شەرتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى توغرىسىدىكى مۆلچەرنى پەيدا قىلدى.» "ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك يەر مۈلۈك گۇرۇھى"نىڭ باش ئانالىزچىسى جاڭ داۋېي مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئىككى يىلدا، ئىككىنچى سەپتىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى دەرۋەقە ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنىڭ سالمىقى بىلەن مىسلىسىز زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولغان. ئەمما، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتتىن قارىغاندا، ئىختىساسلىقلارنىڭ شەھەرگە بولغان يادرولۇق رولى يەنىلا كەسىپنى ئىلگىرى سۈرۈش بولغاچقا، ئىختىساسلىقلار سىياسىتى ھەرگىزمۇ ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ بىر كۆزنىكى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك .

  بۇنىڭغا قارىتا، بۇ قېتىمقى سىياسەتتىمۇ مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: "شەھەر چەمبىرىكى تاۋار ئۆيلەر بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرلەر ئارا ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك."بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، "ئۆي دېگەن ئېلىپ- سېتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تۇرۇشقا سېلىنىلىدۇ." بۇ يەنىلا ئۇزاق مۇددەتلىك بىر مەۋقەدۇر. ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش پرىنسىپى دېگىنىمىز، يەنىلا شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتۇر.

  نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتى قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، شەھەر جامائەت مۇلازىمىتىدىن قانداق بەھرىمەن بولۇش مۇمكىن؟

  ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر ھازىر ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرگە ئېچىۋېتىلدى، جامائەت ئىجارە ئۆيلىرى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۈزۈمىنىڭ قاپلاش دائىرىسىمۇ كېڭەيتىلدى

  «نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز ئالدىغا تاللاش پىرىنسىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەر ۋە كەسپىي مەكتەپلەر (تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى)نى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، شەھەرلەر ئارا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، شەھەر-بازارلاردا ماكانلاشمىغان دائىملىق ئاھالىنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ يىل چوقۇم ئەسلىدە نوپۇسقا ئېلىنىش ئارزۇسى بولغان، ئەمما ھازىرچە تېخى نوپۇسقا ئېلىنمىغان نوپۇسلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جايلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى قوشۇمچە قىلىنغان جامائەت مۇلازىمىتى ۋە قولايلىق يارىتىش تۈرلىرىنى تەدرىجىي كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  مائارىپ جەھەتتە، 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئېلىمىزدىكى بارلىق مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرى مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي شارائىتىدىكى «20 تۆۋەن چەك» تەلىپىگە يېتىپ، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپ شەھەرلەردىكى مائارىپ بايلىقى تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنى بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈپ كەلگەن جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جەھەتتە، بۇ يىل بىرلىككە كەلگەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ۋە بالنىستتا يېتىش ھەققىنى توردا راسچوت قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ۋە مەھەللە دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جايلارنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  تۇرالغۇ ئۆي جەھەتتە، بۇ يىل كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىدىن پايدىلىنىپ ئىجارە ئۆي سېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جامائەت ئىجارە ئۆيلىرى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۈزۈمىنىڭ دائىملىق ئاھالىلەرنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  ئىشقا ئورۇنلىشىشتا، بۇ يىل دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر چوقۇم شەھەر-بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان، ئەمما نوپۇسقا ئېلىنمىغان يېزا نامرات ئاھالىلىرىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيىلەش دېگەندەك ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن ئالدىن تەمىنلىشى، ھەمدە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە بىر قەدەر كۆپ رايونلار بىلەن بولغان ئەمگەك مۇلازىمىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  چوڭ شەھەرلەر كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ، ئوتتۇرا-كىچىك شەھەرلەر ۋە يېزىلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟

  چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك شەھەرلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملار ئىش ئورنىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك شەھەرلەر تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى تەرتىپى جەھەتتە، ئوخشاش بولمىغان كۆلەملىك ۋە قاتلام دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ھەر قانداق بىرىگە ئېغىپ كېتىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ نەزىرىنى پەقەت چوڭ شەھەرگىلا قارىتىشقا بولمايدۇ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك».

  ئوتتۇرا ۋە كىچىك شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىدا تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش كېرەك: پوتىنسىيال كۈچكە ئىگە ئوتتۇرا ۋە كىچىك شەھەرلەر چوقۇم كەسىپلەرنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نوپۇسنىڭ ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپتا شەھەر-بازارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ قىسقىراش تىپىدىكى ئوتتۇرا ۋە كىچىك شەھەرلەر چوقۇم بەدىنىنى ئورۇقلىتىپ، گەۋدىسىنى كۈچلەندۈرۈپ، مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، نوپۇس ۋە جامائەت بايلىقىنى شەھەر رايونىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك؛ بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ۋە كىچىك شەھەرلەرنى مۇقىم كۆپەيتىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن بولغان ھۆكۈمەتلەر تۇرۇشلۇق جايلاردا پەۋقۇلئاددە چوڭ تىپتىكى بازار شەھەرلىرىنى تەسىس قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ ۋە داۋالاش بايلىقىنىڭ جايلىشىشىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ۋە يۆتكەلگەن كەسپىي مەكتەپلەرنى پىرىنسىپ جەھەتتە ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ۋە كىچىك شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۈچ دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى ئوتتۇر ۋە كىچىك شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭ شەھەرلەردىكى داڭلىق ئۈچ دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە كىچىك شەھەرلەردە تارماق ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشىنى قوللاپ، چوڭ شەھەرلەردىكى داڭلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا ۋە كىچىك شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى قوللاش كېرەك.

  كىچىك شەھەر-بازارلار ئۇل ئەسلىھەسى ۋە جامائەت مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، بازار رايونىدىكى ئاھالىلەرگە ۋە ئەتراپتىكى يېزىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  قاتتىق دېتال جەھەتتە، «نۇقتىلىق ۋەزىپە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يول ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، ئۇچۇرلار، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2019- يىلى 200 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىدىكى يېزا تاشيوللىرىنى يېڭىدىن ياساش ۋە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاش لازىم.

  يۇمشاق دېتال جەھەتتە، بۇ يىل ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە بىر تۇتاش تاللاپ ئۆستۈرىدىغان يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تەمىناتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ئىش ئورنىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملار ئىش ئورنىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ناھىيەلىك دوختۇرخانىلار بىلەن يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى تېببىي ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، شەھەرلەردىكى چوڭ دوختۇرخانىلار ۋە ناھىيەلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، سەييارە داۋالاش ۋە يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر