باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى: توردىكى پەسكەش ئۇچۇرلارنى مەخسۇس تۈزەش قانات يايدۇرۇلىدۇ

2019.04.10 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، يېقىندا پەسكەش ئۇچۇرلارنى تارقىتىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تور مەدەنىيىتى مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسدە توردىكى پەسكەش ئۇچۇرلارنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغان.

  بۇ قېتىملىق مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى 2019-يىلى 4-ئايدا يولغا قويۇلۇپ، ئۇدا سەككىز ئاي ئېلىپ بېرىلىپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش، كەسىپ قائىدىسى، ئەخلاق ئارقىلىق چەكلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، توردا شەھۋانىي ۋە شەھۋانىيلىق ئارىلاشقان ئۇچۇر مەزمۇنلىرى؛ «جىنىسىي»نى سېتىش نۇقتىسى قىلغان، تارقىتىشقا ماس كەلمەيدىغان مەزمۇنلار؛ توغرا بولغان توي، مۇھەببەتلىشىش قارىشى ۋە ئائىلە ئەدەپ-ئەخلاقىغا خىلاپ ئىشلار تەشۋىق قىلىنغان مەزمۇنلار؛ توردا بىمەنە چاقچاق، زاڭلىق قىلىش قاتارلىق چاكىنا-ھەزىل مەزمۇنلار؛ زوراۋانلىق، قانلىق، تېررولۇق، قەبىھلىك تەشۋىق قىلىنغان مەزمۇنلارنى تارقىتىش قاتارلىقلار نۇقتىلىق تازىلىنىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر