باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.03.29 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش- ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رەھبەرلىك ئورگىنى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى چوقۇم ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى ۋە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئاساسىي پىرىنسىپ

  (بىرىنچى) ئومۇمىي تەلەپ

  ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»نى پۇختىلاپ، «ئىككىنى قوغداش»نى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى زور كۈچ بىلەن پۇختىلاپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ھەقىقىي ئۈلگە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان قۇرۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش لازىم.

  (ئىككىنچى) ئاساسىي پىرىنسىپ.

  پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم؛ مەركەزنى چۆرىدەش، قوشۇن قۇرۇلۇشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورگاننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسپىي خىزمەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇش، ئورگان ئارقىلىق سىستېمىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى توغرا يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم؛ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىش ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈم خاراكتېرىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر