باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1- ئاپرېلدىن باشلاپ، بېيجىڭدا بىر قىسىم بالنىست خىراجەتلىرىنى ئاتچوت قىلىشتا، ئۇنى"قەغەزسىزلاشتۇرۇش"، يەنى ئاتچوت قىلىشتىكى تالون قەغىزىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلماسلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ

2019.03.21 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاتچوت قىلىشتىكى ئىسپاتلىق ماتېرياللارنى كېمەيتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بەزى قەغەزلىك ئىسپات ماتېرياللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۇقتۇردى. ئۇ بولسىمۇ، تۇغۇت سۇغۇرتىسى بويىچە بالنىتسىدا ياتقان ھەقلەرنى ۋە دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ بىر تۇتاش پىلان بويىچە بالنىتسىدا ياتقان ھەقلىرىنى ئاتچوت قىلىشقا مەلۇم قىلغاندا، قەغەزلىك بىر قىسىم ماتېرىياللارنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلماسلىقتىن ئىبارەت. شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 18 خىل ئىسپات تۈرىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە ساقلاپ قېلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن ئىسپاتلارنى بىردەك ھالدا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلماسلىقنى ئېنىق كۆرسەتتى.

  شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ئۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىشنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئىدارە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسى بويىچە بالنىستتا ياتقان خىراجەتلەر ۋە دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ بىر تۇتاش پىلان بويىچە بالنىستتا ياتقان خىراجەتلىرىنى ئاتچوت قىلىشتىكى تەكشۈرۈشنى ئۇچۇرلاشتۇرغاچقا، تۇغۇت سۇغۇرتىسى بويىچە بالنىتسىدا ياتقان خىراجەتلەر ۋە دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ بالنىستتا ياتقان خىراجەتلىرىنى بىر تۇتاش غەملەيدىغان بىر قىسىم قەغەزلىق ماتېرىياللارنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىش تۈزۈمىنى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولغانلىقىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان؛ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپاراتلىرى ناۋادا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كارتا بىلەن بالنىتستتا يېتىش ھەققىنى راسچوت قىلىشنى مەلۇم قىلسا، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن (تۇغۇت سەۋەبىدىن) بالنىتستتا يېتىش ھەققىنى راسچوت قىلىش تالونى» بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدىكەن؛ دەم ئېلىشقا چىققالارنىڭ بالنىتستتا يېتىشىنى بىر تۇتاش پىلانلىغۇچىلار ناۋادا كارتا بىلەن بالنىتستتا ياتقانلارنىڭ ھەقلىرىنى راسچوت قىلسا، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن بالنىتستتا يېتىش ھەققىنى راسچوت قىلىش تالونى» بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 2016- يىلىدىن بۇيان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 18 خىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىسپاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئىسپات ئىشلىرى يەنە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرىش، ئىشسىزلارنى تىزىملاش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر