باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى دەرىجىسىنىڭ تۇنجى دۆلەت ئۆلچىمى ياشانغانلارنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ __

بەش يۇلتۇزلۇق ياشانغانلار ساناتورىيەسى بارلىققا كېلىدۇ

2019.03.06 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا «كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش ۋە باھالاش» دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش ۋە باھالاشتا دۆلەت ئۆلچىمى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولۇقلاپ، ياشانغانلارنىڭ رازى بولغۇدەك كۈتۈنۈش ئاپپاراتى تاللىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى باھالاش سىستېمىسى بار بولدى

  بۇ قېتىمقى ئۆلچەم دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى دەرىجىسىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل، ئاشكارا باھالاش ئارقىلىق كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە يېتەكلىدى. لى باڭخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۆلچەمدە كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش ۋە باھالاشقا قارىتا 102 تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئاساسلىق مەزمۇنى دەرىجىگە ئايرىش ۋە بەلگىسى، دەرىجىسىنى باھالاشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ قاندۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي تەلەپ ۋە شەرتى، دەرىجىسىنى باھالاش، قائىدە خاراكتېرلىك قوشۇمچە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆلچەم كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى بەش دەرىجىگە ئايرىپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-، 2-، 3-، 4-، 5-دەرىجىگە بۆلىدۇ. دەرىجە بەلگىسى بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزدىن ياسىلىپ، دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، كۈتۈنۈش ئاپپاراتىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ شۇنچە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  «بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك»نىڭ باھاسى بەك يۇقىرى بولمايدۇ

  بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك بولۇپ باھالانغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىمۇ تەڭ ئۆسەمدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا لى باڭخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: باھانى بازار تەڭشەيدۇ. ھۆكۈمەت قۇرغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارمىقى بېكىتىدۇ، جەمئىيەت قۇرغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتىنى بازار تەڭشەيدۇ. باھانىڭ شەكىللىنىشى بازار ۋە پۇقرالارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن شەكىللىنىدۇ، بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك بولۇپ باھالىنىش باھاسىنىمۇ تەڭ ئۆستۈرۈشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىمۇ تىجارەتنى يۈرۈشتۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە تۆۋەن باھا قويمايدۇ.

  ياشانغانلار ساناتورىيەسى مۇلازىمەت سۈپىتى بىخەتەرلىكىنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىنىدۇ

  كۈتۈنۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش جەھەتتە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گاۋ شياۋبىڭ مۇنداق دېدى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ماقۇللاپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش ئىجازىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى. كۈتۈنۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش ئىجازىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمى تېخىمۇ ئاشكارا، ئېنىق بولۇپ، كۈتۈنۈش بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  بۇ قېتىم ماقۇللانغان كۈتۈش ئاپپاراتى دەرىجىسىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى تەكلىپ خاراكتېرلىك ئۆلچەم. گاۋ شياۋبىڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى ئىككى يىلدا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى چوڭ شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي رايونىنىڭ كۈتۈنۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا بولۇپمۇ نامرات رايونلارنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى ۋە پۇقراۋى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش بولىدۇ. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ كۈتۈنۈش ئاپپاراتىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى تۈزىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك ئاساسىي تەلىپى ھەققىدىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تۇنجى دۆلەت ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر