باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى «ئەزالار كارىدورى» رەسمىي ئېچىۋېتىلدى

2019.03.05 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ تۇنجى «ئەزالار كارىدورى» تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. سىياسى كېڭەشنىڭ توققۇز ئەزاسى 5G تېخنىكىسى، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى، پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش، بالىلارنىڭ كۆزىنى ئاسراش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش گوروھى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ يۇنيۇڭ مەركىزىي رادىيو تېلېۋېزىيە باش ئىستانسسى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسسى مۇخبىرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى ئىككى يىغىندا 5G بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئومۇميۈزلۈك كىرىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى 25 ئۆلكە، شەھەر ھازىر تور سىنىقى قىلماقتا. 5G تېز بولۇپلا قالماستىن يەنە ناھايىتى ئەقلىيلەشكەن. كېلەركى يېرىم يىلدا 5G يانفونى بازارغا ئازراق سېلىنىدۇ، كېلەر يىلى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە كەڭ كۆلەمدە بازارغا سېلىنىدۇ، شۇ چاغدا كۆپچىلىك يۇقىرى كەڭ بەلباغلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ھېس قىلىشىچان، يۇقىرى ئىقتىدارلىق 5G كەسپىدىن بەھىرلىنەلەيدۇ، بۇ بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

  «ئەزالار كادىرىدور»دا ئوخشاشلا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسسى مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسسىنىڭ دىكتورى خەيشامۇ 5Gنىڭ يىراق، چەت تاغلىق رايونلاردىكى بالىلارغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە VR كۆرۈنۈشىدە، گەرچە ئارلىق ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، ئەمما بىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بالىلار بىلەن يۈز-تۈرانە پىكىر ئالماشتۇرالايمىز. بىرلىكتە تاڭ سۇلالىسى شېئىرلىرىنى يادلىيالايمىز، بىرلىكتە ئويۇن ئوينىيالايمىز. ئىشىنىمەنكى، دۆلەت ئورتاق تىلى، پۇتۇڭخۇا ئومۇملاشسىلا، ھەر مىللەت بالىلىرى ئانارنىڭ دانىسىدەك مەڭگۈ زىچ ئۇيۇشىدۇ.

  جۇڭگو ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلىشىمۇ نەق مەيداندىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولدى. مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ئاي شارىنى تەكشۈرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ۋۇ ۋىيرىن مۇنداق دېدى: چاڭئې 4-نومۇر ۋە يۈتۈ2-نومۇر ئالدىنقى نەچچە كۈندە ئاپتۇماتىك ئويغىنىپ، خىزمەت ھالىتىگە كىردى. يىل ئاخىرىدا بىز چاڭئې 5-نومۇرنى قويۇپ بېرىپ، ئاي شارىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا، رۇسىيەدىن كېيىن 3-بولۇپ يەر شارىغا قايتىپ كېلىشنى ئشىقا ئاشۇرغان دۆلەتكە ئايلىنىشىمىز مۇمكىن.

  كېلەر يىلى بىز مارس تەكشۈرگۈچنى قويۇپ بېرىپ، مارسنى ئايلىنىش، قونۇش، چارلاپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆزىنى ئاسراش مەسىلىسى ئىزچىل ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىماقتا. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، بېيجىڭ تۇڭرېن دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ نىڭلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كونترول قىلالايدىغان تېخنىكا يوق، شۇڭا پۈتۈن جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك ئوڭشاشقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. سىرتتىكى پائالىيەتنى بىر يېرىم سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. بىر يېرىم سائەت داۋاملاشتۇرۇش، يەنە كېلىپ سىرتتا ھەرىكەت قىلىشنى تەكىتلەش كېرەك. مۇشۇنداق ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشتا مەكتەپلەر، يەسلىلەرمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

  شياڭگاڭلىق ئەربابلار ساھەسىنىڭ تەكلىپلىك ئەزاسى، بوئاۋ مۇنبىرى مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى ۋە دۇنيا ساغلاملىق كېڭىشىنىڭ رەئىسى چېنفېڭ فۇجېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : ئېلىمىز يەرشارى يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەھەتتە يەر شارىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. دۆلىتىمىز ئىلگىرى چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن، بولۇپمۇ دۇنيا سەھىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلغان ۋاقتىمدا جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ئەسلەتمىسى ئىمزالىدۇق، ئىنسانلار تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئەھلىگە ياخشى ئىش قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر