باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى

ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامراتلىق يۈز بېرىشنىڭ نىسبىتى % 1.7 تۆۋەنلىدى (نوپۇزلۇق ئاخبارات ئېلان قىلدى)

2019.02.21 13:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە: 2018- يىلى دۆلىتىمىز يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ 13 مىليون 860 مىڭى ئازايتىلىپ، ئۇدا ئالتە يىلغىچە ئون نەچچە مىليونلۇق ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ھەمدە نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %1.7 تۆۋەنلەپ، مەملىكەت بويىچە 153 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى، 2018- يىلى يەنە 284 نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىشى مۆلچەرلەندى.

  2018- يىلى،ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى ياخشى باشلاندى، نەتىجىدە، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» بىر يىلدا 1 مىليون 340 مىڭ نامرات كىشى ئازىيىپ، نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى 6.4 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ، غەربىي رايوننىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتىدىن 3.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. شەرقىي ۋە غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ نۇقتا بەلگىلەپ نامراتلارنى يۆلەشتە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش غەلىبىلىك بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 2018- يىلى شەرقىي قىسمىدىكى توققۇز ئۆلكە ۋە شەھەردە مالىيەدىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىر يىلدا سالغان مەبلىغى 17 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 3 ھەسسە ئاشقان، ھەمدە 1 مىليون 440 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 7.2 ھەسسە ئاشقان. دېمەك، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرلىرى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە بىر يىلدا يېڭىدىن 3 مىليون 600 مىڭ نامرات ئەمگەك كۈچلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ 30 مىڭدىن ئارتۇق نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇلۇپ، بۇ 770مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولغان؛ نامراتلارنى يۆلەش قەدىمىنى ساغلام ھالدا بېسىش ئارقىلىق، 12 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە قۇتقۇزۇپ داۋالاشقا ئېرىشىپ، نامرات بىمارلارنىڭ ئۆزى تۆلەيدىغان نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر