باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ئۆلكە دەرىجىلىك 31 جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش نازارەت، ئىدارىسى قۇرۇلۇپ بولدى

2019.01.23 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئاينىڭ 22-كۈنى جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئېلىمىزدە ئۆلكە دەرىجىلىك 31 جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش نازارەت، ئىدارىسى قۇرۇلغان. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش قانۇن-قائىدىلىرىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، «جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش قانۇنى»، «تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قانۇنى»، «جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلىي قانۇنى»نى دەلىللەش خىزمەتلىرىنى باشلاپ، «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى»نى تۈزۈپ، «ئوت ئۆچۈرۈش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «1+4» قانۇن رامكا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن.

  ئېلىمىز ئاپەت، ۋەقەلەر كۆپ يۈزبېرىش، پات-پات يۈز بېرىشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2018-يىلى «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن، 11 تارماقنىڭ بەش دۆلەتلىك جىددىي قوماندانلىق ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 فۇنكسىيەسىنى بىرىكتۈرۈپ، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قۇرغان ئىدى.

  2018-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۆلەتلىك جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى.

  1-ئاينىڭ 22-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇئاۋىن جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرى سۈن خۇاشەن مۇنداق دېدى: جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قۇرۇلغان توققۇز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تاماملىغاچ جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئالدىنى ئېلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش، قوراللىق ساقچى ئورمان قىسمىدىن ئىبارەت ئىككى قوشۇندىكى 200 مىڭغا يېقىن كىشىگە چېتىشلىق تۈزۈلمە ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى، دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش قىسمىنى قۇردى، ئۆلكە دەرىجىلىك 31 جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش نازارەت، ئىدارىسىنى قۇردى، بۇ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش تەشكىلىي تۈزۈلمىسىنىڭ تەدرىجى شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر