باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 2018-يىلى ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى 51 كادىرغا چارە كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

2019.01.09 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2018- يىلىدا، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى جەمئىي 3 مىليون 440 مىڭ پارچە ئەرزىيەت ۋە پاش قىلىشنى قوبۇل قىلغان، 1 مىليون 667 مىڭ پارچە مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلغان، 341 مىڭ قېتىم سۆھبەتلىشىپ سۈرۈشتۈرگەن، 638 مىڭ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، 621 مىڭ ئادەمگە چارە كۆرۈلگەن (بۇنىڭ ئىچىدە 526 مىڭ ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلگەن). ئۆلكە- مىنىستىر دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كادىردىن 51 كىشىگە، نازىر-ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 3500 كىشىگە، ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 26 مىڭ كىشىگە، يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك كادىردىن 91 مىڭ كىشىگە، ئادەتتىكى كادىردىن 111 مىڭ كىشىگە، يېزا-كارخانا قاتارلىقلاردىكى باشقا خادىملاردىن 390 مىڭ كىشىگە چارە كۆرۈلگەن.

  2018-يىلى، مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت» بويىچە 1 مىليون 737 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى خىل ھالەتتە 1 مىليون 104 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، «تۆت خىل ھالەت» بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 63.6 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن؛ 2-خىل ھالەت بويىچە 495 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، %28.5نى ئىگىلىگەن؛ ئۈچىنچى خىل ھالەت بويىچە 82 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، %4.7نى ئىگىلىگەن؛ تۆتىنچى خىل ھالەت بويىچە 55 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، %3.2نى ئىگىلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر