خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-يانۋار، جاۋابكار جاڭ كوۋكوۋ (ئالدىدا) خەنجۇڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت نەق مەيدانىدا.
شۇ كۈنى، شەنشى ئۆلكىسى خەنجۇڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت ئېچىپ، جاۋابكار جاڭ كوۋكوۋنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، مال-مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلىش دېلوسىنى سوت قىلدى ھەمدە سوت ئۈستىدە ھۆكۈم چىقاردى. جاڭ كوۋكوۋ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ مال-مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش قارار قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى