باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ لائوسقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەييارلىغان ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋىيېنتيانغا ئېلىپ بېرىلدى

2018.07.31 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ لائوستىكى كەلكۈن ئاپىتىدىن جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن لائوسقا تەمىنلىگەن ماددىي ئەشيالىرى جۇڭگو شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى تەرىپىدىن توشۇش ھۆددىگە ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئايروپىلانىغا قاچىلىنىپ، ۋىيېنتيان ۋاتاي خەلقئارا ئايرودۇرۇمغا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ ماددىي ئەشيالارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئايرودۇرۇمنىڭ ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگونىڭ لائوستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى ۋاڭ ۋېنتيەن بىلەن لائوس ئەمگەك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بايكان شۇ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇۋاھنامىسىغا ئىمزا قويۇشتى. لائوس دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى پۇسساي، لائوس-جۇڭگو ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋىگى ۋە كېتوڭ قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر