باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ۋە تۇرالغۇ ئۆي، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئىككى مىنىستىرلىقنىڭ مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە:

بۇلغانغان قارا لاتقا ۋە سېسىق سۇ مەنبەلىرىنى ئوڭشاشتا 21 شەھەرنىڭ نەتىجىسى كۆزلىگەن نىشانغا يەتمىگەن

2018.07.31 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ يېقىندا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: 5- ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى بىلەن تۇرالغۇ ئۆي، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ، 32 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، 30 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى 70 شەھەرنىڭ ئوڭشاپ بولغانلىقىنى دوكلات قىلغان 993 جايدىكى بۇلغانغان قارا لاتقا ۋە سېسىق سۇ مەنبەلىرىنى تەكشۈردى. ھازىرغىچە نەق مەيداندا تەكشۈرۈش باسقۇچىدىكى خىزمەتلەر تاماملىنىپ، تەكشۈرۈلگەن شەھەرلەردىكى قارا لاتقا ۋە سېسىق سۇ مەنبەلىرىنى ئوڭشاش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى ۋە مەسىلە تىزىملىكى چىقىرىلدى. «سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش ھەرىكەت پىلانى» قاتارلىق ھۆججەتلەردىكى تەلەپ بويىچە، يەنى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى، پىلانى ئايرىم بولغان شەھەرلەردە قارا لاتقا ۋە سېسىق سۇلارنى تۈگىتىش نىسبىتى %90دىن تۆۋەن بولماسلىق، باشقا شەھەرلەر ئۆز ئۆلكىسىنىڭ تەقسىماتى بويىچە تۈگىتىش، دېگەن تەلەپ بويىچە باھالاندى. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تۈركۈمدە تەكشۈرۈلگەن 46 شەھەردىن 25ئى تۈزەش نىشانىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە 21ى نىشانغا تېخى يەتمىگەن. نۆۋەتتە، ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى تېخى تەھلىل قىلىنىپ جەملەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر