باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈننەن پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

2018.07.27 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى تەرىپىدىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان «يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش لايىھەسى»دە، پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇكاپاتلاش سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، مۇكاپاتلاش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، خىزمەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى خىزمىتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە بۇ خىل مۇكاپاتنىڭ ئابرۇيىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  لايىھەدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى تۈزۈمى ھازىر تەۋسىيە تۈزۈمىدىن نامزات كۆرسىتىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلدى، ئىلگىرىكىدەك ئورۇنلار تەۋسىيە قىلىش ياكى شەخسلەر ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش، ھەمدە تەۋسىيە قىلغان ئورۇنلار تەرىپىدىن تاللاپ تەۋسىيە قىلىشتەك مۇكاپاتلاشقا مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھازىرقىدەك پەن-تېخنىكا مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن سالاھىتى ئېتىراپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، تەشكىلىي ئاپپاراتلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار نامزات كۆرسىتىشتىكى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلدى. نامزات كۆرسىتىش مۇتەخەسسىسى، نامزات كۆرسىتىش ئاپپاراتى ۋە تارماقلارنىڭ سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش، ئىناۋىتىنى باشقۇرۇش ۋە جانلىق تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر