باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق ئىسكىلات قالدۇقىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە قارىتا چوڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

2018.07.24 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا تارقاتقان «مەملىكەت بويىچە سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق ئىسكىلات قالدۇقىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە چوڭ تەكشۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ ) تا، مەملىكەت بويىچە سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق ئىسكىلات قالدۇقىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە چوڭ تەكشۈرۈش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق ئىسكىلاتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، ئىسكىلات قالدۇقى ئاشلىق مىقدارىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى، سۈپىتى ياخشى ۋە ساقلاش بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي ساقلاپ، دۆلەت ئاشلىق ئامبىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى ئاشلىق ئىسكىلات قالدۇقىنى چوڭ تەكشۈرۈشتە «مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشى بولۇش، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى بولۇش؛ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ ئالدى بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى بولۇش؛ ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى چىڭداش»تەك ئېنىقلاش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك كارخانىلار ساقلىنىۋاتقان سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق، مەركەز زاپاس ئاشلىقى، ئەڭ تۆۋەن باھالىق ئاشلىق، دۆلەتنىڭ ۋاقىتلىق زاپاس ئاشلىقى، دۆلەتنىڭ بىر قېتىملىق زاپاس ئاشلىقى، يەرلىكنىڭ زاپاس ئاشلىقى قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ۋە ساقلانغان سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ تاۋار ئاشلىق مىقدارى ۋە سۈپىتىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كارخانىلار دۆلەتنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش، زاپاس ئاشلىقنى نۆۋەتلىشىپ باشقۇرۇش، سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق ئامبىرى بىلەن قەرز پۇلنى چېتىش، مالىيە ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ماس قەدەملىك تەكشۈرۈپ، ئامباردا ساقلانغان ئاشلىقنىڭ چىنلىقىنى دەلىللەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر