باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ئەلئارا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.07.24 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئافرىقا ئەلئارا مۇنبىرى 23- ئىيۇل چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا ئەلئارا مۇنبىرى باشلانغان پەيتتە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، شۇنداقلا شەخسىي نامىمدىن مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، مۇنبەرگە قاتناشقان ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى ساھە زاتلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئافرىقا ئەلئارا مۇنبىرى جۇڭگو خەلقى ۋە ئافرىقا خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك. بۇ مۇنبەر 2011- يىلى 8- ئايدا تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، « ئەلئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا تۈرتكە بولۇش»تىن ئىبارەت جۇڭگو - ئافرىقا ئەلئارا دوستلۇقىدىكى ئۈچ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەم مېخانىزملاشتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئەلئارا دوستانە ئالاقە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر