باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى توپ قىمارىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى قاتتىق تەكشۈردى

100دىن ئارتۇق توپ قىمارى شايكىسى بىتچىت قىلىندى

2018.07.12 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئوقۇشۇمىزچە، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن توپ قىمارى ئويناش پائالىيىتىگە قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، مەخپىي رازۋېدكا قىلىشقا قوماندانلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر خىل توپ قىمارى پائالىيەتلىرىگە دەل جايىدا كۈچلۈك زەربە بەرگەن. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان، جايلار توپ قىمارىغا دائىر جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 300دىن ئارتۇقنى پاش قىلىپ، توپ قىمارى شايكىسىدىن 100 نەچچىنى بىتچىت قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 1 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

  بۇنىڭ ئىچىدە، شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئەلئارا قەرز شىركىتى بىلەن نىقابلانغان بىر توردا توپ قىمارى ئويناش جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق 14 كىشىنى قولغا ئالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ گۇرۇھنىڭ چېگرا سىرتىدىكى قىمار تور پونكىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپ، قول ئاستىدىكىلەرنى توپقا دو تىكىشكە تەشكىللەپ، ئارىدىن 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ھارام پايدا ئالغانلىقى ئېنىقلانغان؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى گۇاڭجۇ، فوشەندىكى تور پونكىتى توپ قىمارى شايكىسىدىن يەتتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق 107 كىشىنى قولغا ئالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ بىر قاتار شايكىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى قىمار تور پونكىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپ، كىشىلەرنى «دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى»گە دو تىكىشكە تەشكىللەپ، ئارىدىن 100 نەچچە مىليون يۈەن ھارام پايدا ئالغانلىقى ئېنىقلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى مەخسۇس زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، توردا قىمار ئويناش ۋە توپ قىمارى پائالىيىتى يىپ ئۇچىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، ھۆكۈم چىقىرىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى توردا قىمار ئويناشقا دائىر جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن 2500دىن ئارتۇقنى پاش قىلىپ، زور بىر تۈركۈم توردا قىمار ئويناش شايكىلىرى ۋە سۇپىلىرىنى بىتچىت قىلىپ، 3 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى تەكشۈرۈپ توڭلىتىپ قويغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر