باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئاساسى تېلېگراف كارخانىلىرىدىن ئابونتلارغا ئايدا ھېسابات تالونى ئۇچۇرى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى

2018.07.12 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇل مۇنداق دېدى: تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان يان تېلېفوندىن ئېنىقسىز پۇل تۇتۇۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئاساسى تېلېگراف كارخانىلىرىدىن كېلەر ئايدىن باشلاپ ئابونتلارغا ئايدا ئالاقە ھېسابات تالونى ئۇچۇرى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، پاراكەندىچىلىك تېلېفونى مەسىلىسىگە قارىتا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئون تارماق بىلەن بىرلىشىپ مەخسۇس لايىھە تۈزگەن، يېقىندا پاراكەندىچىلىك تېلېفونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا خەۋەرلىشىش كەسپى ۋە مەنبەنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پاراكەندىچىلىك تېلېفونىنىڭ تارقىلىش يولىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئالاقە مەنبەسىنىڭ پۇقرالارنى ئاۋارە قىلىشقا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن؛ مەنبەدىن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر ساھە تىجارەتچىلىرىنىڭ كەسىپ سېتىش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنى ئاۋارە قىلىش قىلمىشى تۈزىتىدىكەن؛ تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پاراكەندىچىلىك تېلېفونىنى ئەسكەرتىش، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، پەرقلەندۈرۈش ۋە توسۇشنى كۈچەيتىدىكەن.

  تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان يان تېلېفوندىن ئېنىقسىز پۇل تۇتۇۋېلىش مەسىلىسىگە قارىتا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چېتىلىدىغان كونكرېت مەسىلە ۋە تىپىك دېلولارنى دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئەخلەت ئۇچۇر يوللايدىغان ئۇچۇر تېرمىنالىدىن 31نى تاقىغان، پۇقرالارنى ئاۋارە قىلىدىغان تىجارەت تېلېفون نومۇرى ۋە باغلىنىشلىق نومۇردىن 82نى بىر تەرەپ قىلغان، چېتىشلىق كارخانىلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تۈزىتىشكە بۇيرۇغان. تېلېگراف كارخانىلىرىنى خاتا ھەق ئېلىش قىلمىشىنى دەرھال تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغاندىن باشقا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يەنە ئاساسى تېلېگراف كارخانىلىرىدىن كېلەر ئايدىن باشلاپ قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئابۇنتلارغا ئايدا ئالاقە ھېسابات تالونى ئۇچۇرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان. تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان كۈلرەڭ مەنپەئەت زەنجىرىگە چېتىشلىق ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال ماسلىشىپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر