- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
راكقا قارشى دورىلارنىڭ «باج تۆۋەنلەپ، باھا تۆۋەنلىمەسلىك» مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ
ئېلىمىز راكقا قارشى دورىلارنى ئۆلكە بويىچە مەخسۇس مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى غۇلغۇلا قىلدى
2018.07.12 16:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىگىلىنىشچە، ئېلىمىز ئۆلكىنى بىرلىك قىلىپ، راكقا قارشى دورىلارنى مەخسۇس مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى قانات يايدۇرۇشنى غۇلغۇلا قىلغان. بۇنىڭدا مەركەزلىك كۆپ مىقداردا سېتىۋېلىش ئارقىلىق، كىلىنىكىدا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ راكقا قارشى دورىلارنىڭ بېجىنى تۆۋەنلىتىشى ئاساسىدا، راكقا قارشى دورىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش مەقسەت قىلىنغان.
ساھە ئىچىدىكى زاتنىڭ دېيىشىچە، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يېقىندا شاڭخەيدە دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك يىغىن مەزمۇنىدا جايلاردىن كېيىنكى باسقۇچلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى راكقا قارشى دورىلارنى ئۆلكە بويىچە مەخسۇس سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىش تەكلىپى بېرىلگەن.يۇقىرىقى زات مۇنداق دېدى: راكقا قارشى دورىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئېغىر كېسەللەرنى داۋالايدىغان دورىلارنى مەخسۇس مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇشتا مەركەزلىك كۆپ مىقداردا سېتىۋېلىش ئارقىلىق، كىلىنىكىدا دورا ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دورا ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، باجنى تۆۋەنلىتىش ئاساسىدا باھانى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
ئىگىلىنىشچە، راكقا قارشى دورىلارنى مەخسۇس مەركەزلىك سېتىۋېلىش دائىرىسى بېجى تۆۋەنلىتىلگەن راكقا قارشى دورىلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جايلار دورا ئىشلىتىش مىقدارى، ئىشلىتىش سوممىسى ۋە كىلىنىكىلىق ئېھتىياج قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتسە بولىدىكەن.
ساھە ئىچىدىكى زات مۇنداق دېدى: «باج تۆۋەنلەپ، باھا تۆۋەنلىمەسلىك» ئەھۋالى ئەمدى ئاخىرلىشىدۇ، يېقىندا ئېلان قىلىنغان باجنى تۆۋەنلىتىش ئىسىملىكىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ مەخسۇس مەركەزلىك سېتىۋېلىش تۈرىگە ئايلىنىشى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دورا باھا سۆھبىتىدىن ئۆتكەن تۈرلەردىن باشقا قالدۇق تۈرلەرنىڭ بۇ قېتىملىق سۆھبەتتىكى مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار كىشى مۇنداق دېدى: دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئىجازەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ مۇۋاپىق باھانى بېكىتكەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ راكقا قارشى دورىلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر