باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن گۇتېررېس جۇڭگوغا يۇقىرى باھا بەردى

2018.06.25 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇترېس 22- ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە 2- نۆۋەتلىك ب د ت ساقچى باشلىقلىرى يىغىنىدا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە جۇڭگوغا يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ ب د ت تىنچلىق ساقلاش ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.

  گۇترېس مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېنچلىق ساقلاش ساقچىلىرىنى تاللاپ تەربىيىلەشتە ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ئۇلار تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە، ب د ت نىڭ خىزمەت ئۆلچىمى ۋە ئىنتىزام تەلىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كەسپىي ساپاسى ۋە كەسپىي ئەخلاقىنى نامايان قىلدى، ھەمدە ھەر ساھەنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ب د ت جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش ساقچىلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقىنى ماختىدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ تىنىچلىق ساقلاش ساھەسىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شىياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو داۋاملىق تۈردە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن باش كاتىپ گۇترېس ئىككىسى ئارا ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىدە رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەمدە تىنچلىق ساقلاش ساقچىلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگو ب د ت بىلەن بىرلىكتە،«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى بىخەتەرلىك ساھەسى، ھەمدە زەھەر چەكلەش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ئەللەر خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر