- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە سۇ بىڭتيەن 9 سېكۇنت 91 دەقىقە بىلەن ئاسىيا رېكورتىنى بۇزدى
2018.06.25 16:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 22-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى مادىرىد بېكىتى مۇسابىقىسىدە، «جۇڭگونىڭ ئۇچار ئادىمى» نامىغا ئېرىشكەن سۇ بىڭتيەن 9 سېكۇنت 91 دەقىقىلىق قالتىس نەتىجە بىلەن بۇ بېكەتتىكى مۇسابىقىدە، ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ چېمپىيونى بولدى، بۇ نەتىجە باشقا بىر جۇڭگو ماھىرى شيې جېنيىنىڭ ئۈچ كۈن ئىلگىرى ياراتقان 9 سېكۇنت 97 دەقىقىلىق مەملىكەتلىك رېكورتنى يېڭىلاپلا قالماستىن، يەنە قاتارنىڭ باشقا دۆلەتتىن ئۆز تەۋەلىكىگە قوشۇۋالغان قىسقا يۈگۈرۈش ماھىرى ئوۋگۇنۇدى ياراتقان 9 سېكۇنت 91 دەقىقىلىق ئاسىيا رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى. ئىتالىيەلىك تورتۇ 9 سېكۇنت 99 دەقىقە بىلەن 2-لىككە، جەنۇبىي ئافرىقىلىق سىنبان 10 سېكۇنت 01 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن 3-لىككە ئېرىشتى.
ئىلگىرى سۇ بىڭتيەننىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى 2015-يىلى ئالماس بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئيۇگېن بېكىتى ۋە بېيجىڭ يېنىك ئاتلېتىكا خەلقئارا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە يۈگۈرگەن 9 سېكۇنت 99 دەقىقە ئىدى، ئۇ يەنە تۇنجى بولۇپ 10 سېكۇنتلۇق چوڭ ئۆتكەلنى بۇزغان تۇنجى ئاسىيالىق ماھىر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر