باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى» 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شان-شەرىپى مەڭگۈ يادلىنىدۇ

2018.05.02 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېقىندا «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى» نى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى، بۇ قانۇن 1-مايدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى» نى ياخشى يولغا قويۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن قورالى ئارقىلىق قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداپ ۋە ساقلاپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى تومۇرىمىزغا سىڭدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ــ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

  قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شان-شەرىپىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

  ئىستىقباللىق مىللەتنىڭ قەھرىمانى بولمىسا بولمايدۇ.

  «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى» خەلقنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن قانۇن.

  «دۆلەت ۋە خەلق قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ دۆلەت، خەلق ۋە مىللەت ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقى ۋە قوشقان تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ».

  «دۆلەت قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغدايدۇ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى مەدھىيلەيدۇ ۋە خاتىرىلەيدۇ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە روھى توغرىسىدىكى تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شان-شەرىپى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ».

  قانۇن خۇددى خىتابنامىدەك پۈتكۈل جەمئىيەتكە قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ھۆرمەتلەش، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلاردىن ئۆگىنىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى پىلانلاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۆ جۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى» نى چىقىرىش بىزنىڭ قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداشتىكى روشەن قىممەت يۆنىلىشىمىزنى ئىپادىلىدى.

  «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى» قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى «پولات ئىستىھكام» نى بەرپا قىلىدىغان قانۇن.

  ـــ قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ ھەق تەلەپ، مەمۇرىي، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ـــ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ھەرىكىتىنى تەرغىپ قىلىش، گۈزەللەشتۈرۈش قىلمىشى جازالىنىدۇ .

  ـــ قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا نەپىقە-ئېتىبار بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.

  ...

  جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى قانۇن چىقىرىش ئىلمى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيۇڭ ۋېنجاۋ مۇنداق دېدى: «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تارىخي پاكىتنى بۇرمىلايدىغان، خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ۋە قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان، ئۇلارنى ھاقارەتلەيدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارنى ئۈنۈملۈك جازالاشنى ئېنىق قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، ئاۋامنىڭ قەلبىدە قانۇنىي ئاگاھلاندۇرۇش تونۇشى ۋە ئاقىۋەت تونۇشى شەكىللەندۈرۈپ، «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار» دەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر