خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقى 22-چېسلا ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، شۇ كۈنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر سايلىغۇچىلارنى رويخەتكە ئېلىش پونكىتى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندىمۇ 57 ئادەم قازا قىلغان، 119 كىشى يارىلانغان.
ئافغانىستان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاسىدۇللانىڭ شۇ كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا دەلىللىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى پۇقرالار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 21 ئايال، بەش بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇندىن باشقا، يەنە 47 ئايال ۋە 16 ئۆسمۈر يارىلانغان .
ئافغانىستان ھۆكۈمەت تەرەپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى 31 ئادەم قازا قىلدى، 54 ئادەم يارىلاندى، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
شۇ كۈنى كەچتە جۇڭگونىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ۋاقتىنچە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يارىلىنىشى توغرىلىق دوكلات يوق ئىكەن.
ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھەر سىرتىدىكى بىر قەبرىستانلىقتا، بىر ئەر (ئالدى رەت سولدا) ئايالىنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ ماڭماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى