باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە، چاۋشىيەن باشلىقلىرى پانمۇنجۇمدا كۆرۈشتى

2018.04.27 16:16   مەنبە: خەلق تورى

كورېيە، چاۋشىيەن باشلىقلىرى پانمۇنجۇمدا كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە زۇڭتۇڭى مون جىئىن ۋە چاۋشيەننىڭ دۆلەت رەھبىرى كىم جۇڭئۇن 27-ئاپرىل پانمۇنجۇمدا كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى.

  سېئۇل ۋاقتى 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە (تەخمىنەن بېيجىڭ ۋاقتى 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە)، كىم جۇڭئۇن پانمۇنجۇمدا ھەربىي چېگرا سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كورېيە تەرەپكە كىرىپ، شۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان مون جىئىننىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇ، چاۋشيەن ئۇرۇشىدىن كېيىن چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كورېيە زېمىنىغا كىرىشى ھېسابلىنىدۇ.

  كىم جۇڭئۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ ھەربىي چېگرا سىزىقىدىن ھالقىپ، چاۋشيەن تەرەپ زېمىنىدا قىسقا ۋاقىت توختىغاندىن كېيىن، كورېيە تەرەپ زېمىنىغا قايتىپ كەلدى. كېيىن، كورېيە تەرەپ كىم جۇڭئۇن ئۈچۈن ئەنئەنىۋى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ۋە ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇمۇ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كورېيە ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى.

  سېئۇل ۋاقتى 10 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، مو جىئىن ۋە كىم جۇڭئۇن كورېيە تەرەپتىكى «تىنچلىق ئۆيى»دە سۆھبەتلىشىشكە باشلىدى.

  كورېيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى چىڭۋاداي 26-ئاپرىل بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى كورېيە-چاشيەن باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ يادرولۇق مۇھاكىمە نۇقتىسى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە يېرىم ئارالنىڭ مەڭگۈلۈك تىنىچلىقىنى ئورنىتىپ، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش بولۇپ، بۇ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىكى ئەڭ قىيىن نۇقتا.

  بۇ، كورېيە-چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدىكى 3-قېتىملىق باشلىقلار كۆرۈشىشى. 2000-يىلى، شۇ چاغدىكى كورېيە زۇڭتۇڭى كىم داجۇڭ ئەينى ۋاقىتتىكى چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپ، «شىمال-جەنۇب ئورتاق خىتابنامىسى»نى ئىمزالىغان. 2007-يىلى، ئەينى چاغدىكى كورېيە زۇڭتۇڭى رۇ مۇخيۇن چاۋشيەننى زىيارەت قىلغان ۋە كىم جۇڭئىن بىلەن «شىمال-جەنۇب مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى ۋە تىنچ گۈللىنىش خىتابنامىسى»نى ئىمزالىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…