خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ ساياھەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 3600 كىۋادرات مېتر بولۇپ، ساياھەت ئورنىنىڭ بېلىتىنى سېتىش، تەشۋىق قىلىش، كوللېكتىپ ۋە يەككە ساياھەتچىلەر قاتناش ئالماشتۇرۇش، مەسلىھەت سوراش ۋە شىكايەت قىلىش، تاماق ۋە ئىچىملىك، مال سېتىۋېلىش، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىرىكتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك مۇلازىمەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.
لوپنۇرلۇقلار كەنتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال چېتىدىكى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ دۆڭقوتان يېزىسىغا جايلاشقان، تارىم ۋادىسى بويىدا. بۇ ساياھەت ئورنى لوپنۇر ناھىيەسىگە 35 كېلومىتر، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى كورلا شەھىرىگە 85 كېلومېتر كېلىدۇ، دۆلەتلىك تۆت ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق ساياھەت مەنزىلگاھى.
مەنزىرە رايونى لوپنۇر مەدەنىيىتى روھىنى، ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى ئاساس، ئۇنىۋېرسال بايلىق ئېچىشنى نىشان، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئېكىسپىدىتسىيە-ساياھىتىنى ئالاھىدىلىك قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى، تارىم دەرياسى، توغراقلىق، كۆللەرنى بىر گەۋدە قىلغان، تەبىئىي مەنزىرىسى ئۆزگىچە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئالاھىدە بولغان ساياھەت مەنزىرىلىك رايونى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى