باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2018.04.27 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتى يىغىنى 26-ئاپرېل جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەنجى ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، جېجياڭنىڭ «مىڭلىغان كەنت ئۈلگە بولۇپ، تۈمەنلىگەن كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىدىكى تەجرىبە-ئۇسۇللىرى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش __ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسىي تەلىپى. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا قىلغان ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنتلەرنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ھەر قايسى تەرەپ كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ بولۇپمۇ دېھقانلار ئۆزىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەر خىل بايلىقلارنى توپلاپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋاملىق تىرىشىش ئارقىلىق گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر