باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خىمىيىۋى قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى سۇرىيە دۇما بازىرىغا يەنە بىر قېتىم كىرىپ تەكشۈردى

2018.04.27 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خىمىيىۋى قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى 25- ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى شۇ كۈنى سۇرىيە دۇما بازىرىغا يەنە بىر قېتىم كىلىپ ئېيتىشلارغا قارىغاندا يۈز بەرگەن «خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى» ۋەقەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈشنى ئېلىپ باردى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: تەكشۈرۈش ئۆمىكى شۇ ئاينىڭ 21- كۈنى دۇماغا كىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، 25- چېسلا دۇماغا يەنە بىر قېتىم كىرىپ ئۇ يەرنىڭ يەنە بىر جايىنى زىيارەت قىلدى.

  تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى شۇ جايدا توپلىغان ئەۋرىشكىنى گوللاندىيە رىيسۋىيككا يۆتكەپ، خىمىيىۋى قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى بېكىتكەن تەجرىبىخانىسىدا تەھلىل قىلىدىكەن. ب د ت بىخەتەرلىك خادىمى، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە رۇسىيە ھەربىي ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ دۇمادىكى خىزمىتى ئۈچۈن بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: تەكشۈرۈش ئۆمىكى يەنە سۈرىيە پايتەختى دەمەشقتە بەزى ئېيتىشلارغا قارىغاندا « خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى» ۋەقەسىگە ئالاقىدار خادىملار بىلەن سۆھبەت ئىلىپ باردى. يۈز تۇرانە، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، نۇسخا ئانالىزى، توپلىغان باشقا ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللار ئاساسىدا، تەكشۈرۈش ئۆمىكى داۋاملىق مۇستەقىل ۋە ئادىل تەكشۈرۈش قانات يايدۇرىدۇ.

  باياناتتا مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: روسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى خىمىيىۋى قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 26- ئاپرېل گوللاندىيەنىڭ گائاگا شەھىرىدە بىر مەيدان ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى تەشكىللىمەكچى بولغانلىقىنى دېگەن، بەزى سۈرىيە زاتلار يىغىندا ئېيتىشلارغا قارىغاندا دۇمادا يۈز بەرگەن «خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى» ۋەقەسىنى تىلغا ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر