باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5- ئايدىن باشلاپ، پاسپورت قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنى بىر جايدا ۋە توردىلا بېجىرگىلى بولىدۇ

چېگرادىن چىقىش ۋە كىرىش گۇۋاھنامىسى بېجىرىدىغان ئامما «پەقەت بىر قېتىملا مېڭىش» تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ

2018.04.27 14:34        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 26- كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. دۆلەت كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئېلان قىلىندى: 2018- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە پاسپورت قاتارلىق چېگرادىن كىرىش ۋە چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرگەندە، «پەقەت بىر قېتىملا مىڭىش» تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ چېگرادىن كىرىش ۋە چىقىش ئىشلىرىنى بېجىرىش كۆزنىكىگە بېرىپ ئىلتىماس قىلغان پاسپورت قاتارلىق چېگرىدىن چىقىش ۋە كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى بىر قېتىمدىلا تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، «پەقەت بىر قېتىملا مىڭىش» تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلەشتۇرۇشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چېگرىدىن كىرىش ۋە چىقىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى نۆۋەندىكىدەك تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك: بىرىنچىسى، «پەقەت بىر قېتىملا مېڭىش»تەك بۇ تۈزۈم ئارقىلىق، بېجىرىپ بولغىلى بولىدىغان چېگرادىن چىقىش ۋە كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى بىر-بىرلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچىسى، يۇقىرىقى ئىشلارنى قوبۇل قىلىش كۆزنىكىدىكى ئېلان تاختىسى، توردا ئىش بېجىرىش سۇپىسى ۋە تاراتقۇلار تەشۋىقاتى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، كەڭ ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئۇلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىسى، ئىلتىماس قىلغۇچىلار جىددىي سەۋەب تۈپەيلىدىن گۇۋاھنامىسىنى جىددىي بېجىرمەكچى بولغاندا، كىملىكى ۋە ئىلتىماس قىلىشتىكى ئىش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن سىرت باشقا ماتېرىياللار كەم بولسا، ئۇلارنى ئالدىن قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۇ كەمچىل بولغان ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى فاكس ۋە پوچتىدىن ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تولۇقلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر