باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكلەپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2018.04.27 16:09   مەنبە: خەلق تورى

ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكلەپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ۋۇخەندە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم قارار، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيە. يېڭى ۋەزىيەتتە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاچقۇچى ـــ ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش بىلەن ئۇزاققىچە تىرىشىش، كونا قۇۋۋەتنى تۈگىتىش بىلەن يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا، تەڭ تۇتۇپ كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئىستراتېگىيەلىك بىرتۇتاش پىلانلاش، پىلانلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، شى جىنپىڭ 24-ئاپرېلدىن 25-ئاپرېلغىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جياڭ چاۋلياڭ، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ شياۋدۇڭ، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ جياخاۋ، ئۆلكە باشلىقى شۈ داجېنىڭ ھەمراھلىقىدا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يىچاڭ شەھىرى ۋە جىڭجوۋ شەھىرى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۆياڭ شەھىرى ھەم سەنشيا توسمىسى رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈش، قانۇنسىز پىرىستاننى تۈزەش، دەريا سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش، دەريانى تىزگىنلەش ۋە مۇھاپىزەت قىرغىقى قۇرۇلۇشى، سۇ يولىنى تۈزەش، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، گىدرولوگىيە پونكىتى ۋە سۇ رايىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

  شى جىنپىڭ 24-ئاپرېل چۈشتە، ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا «شىڭفا» گۇرۇھى يىچاڭ يېڭى ماتېرىيال كەسىپ رايونىغا بېرىپ، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش ھەم پىرىستاننى قايتا كۆكەرتىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. «شىڭفا» گۇرۇھى ئېلىمىزدىكى ئىنچىكە فوسفور ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ خىمىيە سانائىتى كارخانىسى، شۇنداقلا سەنشيا سۇ ئامبىرى رايونىدىكى كۆچمەنلەر كۆچۈرۈلگەن ئەڭ چوڭ كارخانا. گۇرۇھ باغچە رايونى ئەسلىدىكى دەريا بويىغا قۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى، پىرىستاننى كۆچۈرۈپ ۋە چېقىپ، قىرغاق لىنىيەسىدىن 950 مېتىر يەرنى بوشىتىپ، گۇرۇھ ئىشلىتىۋاتقان 800 مودىن كۆپرەك يەرنى ئۆتۈنۈپ بەردى ھەم ئومۇميۈزلۈك كۆكەرتىشنى تاماملىدى. كۆچۈرۈپ قايتا كۆكەرتىش نەق مەيدانىغا قويۇلغان ھەربىر كۆرگەزمە دوسكىسى خۇبېي ئۆلكىسى ۋە يىچاڭ شەھىرىنىڭ خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈش، بۇلغىنىشنى تۈزەش ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنىدى. شى جىنپىڭ دوكلاتنى تەپسىلىي ئاڭلىدى، ئۇ پات-پات ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا يەرلىكتىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ گۇرۇھنىڭ كونترول قىلىش ئۆيىگە كىرىپ، چوڭ ئېكران ئارقىلىق كارخانا ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆردى، كارخانىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، پىلان قۇرۇلۇشىدىكى ئايلانما كەسىپ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم نەق مەيداندىكى تېخنىك خادىملار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ يەنە دەريا بويىدىكى پىرىستان دۆڭلۈكىگە پىيادە بېرىپ، دەريا بويىدىكى ئەسلىھەلەرنىڭ چېقىلىش، پىرىستاننىڭ قايتا كۆكەرتىلىش، بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى تۈزەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى، ئۇنى چوقۇم ياخشى ئاسراش كېرەك. كارخانا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكت ۋە مۇھىم كۈچ، كارخانىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى مۇھىتنى بۇلغايدىغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسىنى كۆچۈرۈۋېتىش كېرەك، كارخانىنى كۆچۈرۈشتە ئادەم، ئۈسكۈنە، ئەخلەت، يەر ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى بۇلغايدىغان يوشۇرۇن خەۋپنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تەڭ تۇتۇپ كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق ـــــ ئاچماسلىق ئەمەس، بەلكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدە ئاچماي، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى كۆرسىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…