باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شەرق شامىلى-26» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا راكېتا ئارمىيەسىنىڭ قورال-جابدۇق تەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى

2018.04.27 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن 26-ئاپرېل دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا راكېتا ئارمىيەسىنىڭ قورال-جابدۇق تەرتىپىگە يېڭى تىپتىكى قورالنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: راكېتا ئارمىيەسىنىڭ قورال-جابدۇق تەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن يېڭى تىپتىكى قورال «شەرق شامىلى-26» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا. بۇ تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناپ قۇراشتۇرۇش، سىناق ئىشلىتىش ۋە ئۇرۇش قىلىش، تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، پۈتكۈل قىسىمغا سەپلەش شەرتىنى ھازىرلىغان. قورال بېرىلگەندىن كېيىن، راكېتا ئارمىيەسىنىڭ جەڭ تەرتىپىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى.

  ۋۇ چيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شەرق شامىلى-26» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد يىراق-ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك تۆت ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچى، پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان قورال؛ ئىككىنچى، ئۇرۇش قىسىمى يادرو قورالى بىلەن ئادەتتىكى قورالغا ئىگە بولۇپ، تېز سۈرئەتتە يادرو قايتۇرما زەربە بېرىش ۋەزىپىسى ھەم دائىملىق ئوتتۇرا-يىراق مۇساپىلىك دەل جايىدا زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلالايدۇ؛ ئۈچىنچى، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا نىشانغا تەڭ زەربە بېرەلەيدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى مۇھىم نىشانغا ۋە دېڭىزدىكى چوڭ-ئوتتۇرا تىپلىق پاراخوتلارغا دەل جايىدا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە؛ تۆتىنچى، كۆپ تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىلار بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇش، توپلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يۇقىرى.

  ۋۇ چيەن مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئۆزىنى قوغداش، مۇداپىئە كۆرۈشتىكى يادرو ئىستراتېگىيەسى ۋە يادرو قورالىنى ئالدىن ئىشلەتمەسلىكتەك يادرو سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر