خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى لى جاچېڭ تېببىي ئىنستىتۇتى ئەيدىز تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چېن جىۋېي تەتقىقات نەتىجىسىنى تونۇشتۇرماقتا.
شۇ كۈنى، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرستېتى: بۇ مەكتەپ تەتقىقات كوللىكتىپىنىڭ ھۈجەيرىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن قوغدايدىغان ھەمدە ئەيدىز ۋىرۇسىنى تازىلايدىغان بىر خىل يېڭىچە ئانتىتېلا دورىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققانلىقىنى ھەم چاشقاننىڭ بەدىنىدە تەجرىبە قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى