باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ يەنسىخەي ھەيۋەتلىك چوڭ جىلغىسى

2018.04.28 16:33   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ يەنسىخەي ھەيۋەتلىك چوڭ جىلغىسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەنسىخەي چوڭ جىلغىسى قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ شىنجاڭ ساۋەن ناھىيەسى يەنسىخەي بازىرىنىڭ غەربىدىكى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىر بۇ جايغا قەدەم باسقىنىدا، شۇ زامان قەلبى ھاياجانغا تولدى، كۈن نۇرى جىلغىغا چۈشكەندە، يىراقتىكى قارلىق چوققىلار، يېقىندىكى تىك قىيالار ئۆزئارا نۇر قايتۇرۇپ، ئاجايىپ گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك بىر مەنزىرىگە كىرگەن ئىدى.

  يەنسىخەي چوڭ جىلغىسى بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلىدە تۆت خىل گۈزەللىكنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەتىياز پەسىلى تاغ جىلغىسىنى بىر ئۇسسۇل سەھنىسىگە ئوخشىتىپ قويىدۇ، قىيالاردىكى يول-يول ئىزلاردا يىللارنىڭ ئىزنالىرى كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردىكى ياپيېشىل ئوت-چۆپلەرنىڭ خۇشپۇراق پۇرىقى قوشۇلۇپ كەتكەن ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەندە، كىشىگە كىچىك ۋاقتىدا تاغقا چىقىپ ئوينىغاندىكى گۈزەل چاغلىرىنى ئەسلىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…