خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 26-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭ راۋىقىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا قاتناش مۇنبىرىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ئامېرىكا تىرانسپورت مىنىستىرى جاۋ شىياۋلەن بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇقىم، ساغلام بولغان مۇناسىۋەت ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشتى ۋە تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشقا بويسۇنۇشى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىساد جەھەتتە بىر-بىرىنى كۈچلۈك تولۇقلايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر كېڭىشىپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى