باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمىنىڭ دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

«دوستلۇق كاپالىتى» ۋە «مۇناسىۋەت كاپالىتى» مەركەزلىك تۈزىتىلىشى كېرەك

2018.04.27 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 2018-يىلى ئىككىنچى پەسىللىك قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «ئېغىر نامرات رايونلاردىكى خەلق ئىشلىرى ساھەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، جايلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمىنى تۈزۈش ۋە تەڭشەش ئۇسۇلىنى مۇكەمەللەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، جايلار يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمىنىڭ دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يوڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدە چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. ئۈچ يىللىق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ،«دوستلۇق كاپالىتى»، «مۇناسىۋەت كاپالىتى»، «خاتا كاپالەت»، «چۈشۈرۈپ قويۇش كاپالىتى» دېگەندەك غەيرى كاپالەتلەر مەركەزلىك تۈزىتىلىپ، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ چىقىپ، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدىكى ئۇل خاراكتېرلىك كاپالەت رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى تۈزەشنىڭ بىرىنچى نۇقتىسى چىرىكلىك مەسىلىسى بولۇپ، بۇنىڭدا، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىكى «دوستلۇق كاپالىتى» ۋە «مۇناسىۋەت كاپالىتى» دېگەندەك غەيرى كاپالەت مەسىلىلىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا يەنە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، خىيانەتچىلىك قىلىپ ئىگىلىۋېلىش، ساختا مەلۇمات يوللاش، تۇتۇپ قېلىش، ئاستىرىتتىن بۆلۈشىۋېلىش، يۇتۇۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، بىر نېمە تەلەپ قىلىش، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق قانۇنغا ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قاتتىق جازالاش نۇقتا قىلىنىدۇ. ئىككىنچى نۇقتىسى بولسا، ئىستىل مەسىلىسى بولۇپ بۇنىڭدا، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىدىكى ئىستىلدا ئەستايىدىل بولماسلىق، يۈزە ئىشلىمەك، مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئالالماسلىق ۋە ئۆزگەرتىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، ئاممىنىڭ ئىلتىماسنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىش، تەڭقىسلىقتا قويۇش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل رەتكە سېلىش.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىلى 2- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتى 39 مىليون 406 مىڭ ئادەم بولغان، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى 4301 يۈەن ئادەم/يىل بولغان، يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇپ بېقىش سانى 4 مىليون 600 مىڭ ئادەم بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر