خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سەنشيا بوغۇزى توسمىسىغا كېلىپ سەنشيا قۇرۇلۇشى، توك چىقىرىش، سۇ قۇرۇلۇشى، سۇ قاتنىشى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
سۈرەتتە: شى جىنپىڭ توسمىنىڭ ئۈستىدە سەنشيا قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ۋە توسما رايونى ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى