باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كورلا ئايرودۇرۇمى يېڭىدىن ئۈچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى

جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالى شىنجاڭدىكى يولۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەردى

2018.04.25 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ، كورلا ئايرودۇرۇمى يېڭىدىن كورلا-شىخەنزە-چۆچەك، كورلا-شىخەنزە-ئالتاي ۋە كورلا-خوتەن لىنىيەلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى.

  ئىگىلىنىشىچە، 4- ئاينىڭ 23- كۈنى، يېڭىدىن ئېچىلغان كورلا-شىخەنزە-چۆچەك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CRJ900 تىپلىق G54349/50 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلىدىكەن.

  بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى بېرىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 08:30 دا كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 09:45 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 10:25 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 11:10 ئۆتكەندە چۆچەك ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 11:50دە چۆچەك ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 12:40تا شىخەنزە ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 13:20 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 14:35 ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

  يەنە بىر يېڭىدىن ئېچىلغان كورلا-خوتەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە، ھەر كۈنى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CRJ900 تىپلىق، G54355/56 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلىدىكەن. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار بېرىش مۇساپىسىدە، سائەت 15:15 ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 16:50دە خوتەن ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 17:30دا خوتەن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 19:00دە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن. مەزكۇر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى بېرىش مۇساپىسىدە، سائەت 16:00دە كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 17:35 ئۆتكەندە خوتەن ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 18:15 ئۆتكەندە خوتەن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 19:45 ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

  4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېچىلغان كورلا-شىخەنزە-ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بولسا، ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CRJ900 تىپلىق G54333/34- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇقۇش ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلىدىكەن. نۆۋەتچى ئايروپىلان بېرىش مۇساپىسىدە، سائەت 08:30دا كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 09:45 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 10:25 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 11:35 ئۆتكەندە ئالتاي ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 12:15 ئۆتكەندە ئالتاي ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 13:25 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 14:05 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:20دە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

  كورلا ئايرودۇرۇمىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، كورلا ئايرودۇرۇمى يەنە «نەشپۈت يۇرتىدىن ئۇچۇش» ناملىق مۇلازىمەتنىمۇ يولغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى ھالقىغان ھالدا بوشلۇقتا يۆتكەش كەسپىنى يولغا قويغان، بۇنىڭ بىلەن، يولۇچىلار كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئايروپىلان ئالماشقاندا، يۈك-تاقلىرىنى ئۆزى ئېلىپ يۈرمەيلا بىخارامان ئايروپىلان ئالمىشىشقا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر