باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان مەرىپەت بۆشۈكى

2018.04.24 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) ئاپتونوم رايونىمىزدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما ئارىسىدا كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەر مەيدانغا كەلدى، ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مېھىر-مۇھەببەت تېخىمۇ كۈچەيدى...

  ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  بۇلتۇر 5-ئايدا، خېجىڭ ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈندىدار توپىدا خۇاڭ شياۋخۇي مۇئەللىمنىڭ موڭغۇل تۇغقىنى چارۋىچى باگداسىننىڭ تۇغۇتى قىيىنلىشىپ، جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا، ئوپېراتسىيە ھەققىنى چىقىرالمايدىغانلىقى، جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىنمىسا، ئانا-بالىنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ئۇچۇر تارقالدى. ئۇچۇرنى كۆرگەن ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار دەرھال توپتىلا «قىزىل بولاق» ئېتىپ، كۆڭلىنى بىلدۈرۈشتى. «تاما-تاما كۆل بولار» دېگەندەك، بىردەمدىلا 5000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل يىغىلدى. بۇ پۇل بىلەن باگداسىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، ئانا-بالا خەۋپتىن قۇتۇلدى.

  بۇلتۇر قىش مەزگىلى ئىدى. بۇ مەكتەپتە ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى 30 بالا ئوقۇۋاتاتتى، مەكتەپ رەھبەرلىرى بالىلارنىڭ شۇنچە سوغۇقتا نېپىز كىيىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، 6000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل يىغىپ، بالىلارغا مامۇق چاپان ھەم چاينى ئىسسىق ساقلايدىغان ئىستاكان ئېلىپ بەردى.

  بۇ مەكتەپتىكى بۇخەلچەم مۇئەللىم ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا، بىر بوۋاينىڭ نۇرغۇن سۈپۈرگىلەرنى ھويلىسىغا دۆۋلىۋەتكەنلىكىنى ھەم بوۋاينىڭ سۈپۈرگىلىرى سېتىلماي تۇرۇپ، يەنىلا داۋاملىق سۈپۈرگە بوغۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ، بۇ ئەھۋالنى دەرھال مەكتەپ ئۈندىدار توپىغا يوللىدى. بۇنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچىلار بوۋاينىڭ سۈپۈرگىسىنى 15 يۈەندىن سېتىۋېلىپ، بېسىلىپ قالغان بارلىق سۈپۈرگىلەرنى تۈگەتتى، بوۋاي بۇ پۇلغا كۆمۈر، ئۇن، ياغ، گۈرۈچ سېتىۋېلىپ قىشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزدى...

  خېجىڭ ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ 1979-يىلى قۇرۇلغان، ئۇيغۇر، خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، شىبە، رۇس، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان، 151 ئوقۇتقۇچى، 2100 ئوقۇغۇچىسى بار ياتاقلىق مەكتەپ. 2016-يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن تۇغقانلاشتى. ئۇلار ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆزئارا ياردەم، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ھەل قىلغاچقا، مەكتەپنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىدىمۇ زور ئىلگىرىلەش بولدى. مەكتەپتە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار ھەممە ئىشتا ئۆزئارا ياردەم قىلىشىپ، ھېيت-بايراملاردا بىر-بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، قايسى ئوقۇغۇچى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسا تەڭ ياردەملىشىپ، ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈپ، كۆپ مەنبەلىك رەڭدار مەدەنىيەت كەيپىياتى ياراتقاچقا، ئوقۇغۇچىلاردىمۇ ئۆزئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان گۈزەل مەنزىرە، ئىللىق ئائىلىگە ئوخشاش ئىناق كەيپىيات شەكىللەندى.

  ئاجىزلارنىڭ غەمگۇزارى __ لى چېڭبو

  باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان سۈنەييە مىجىت بارغانسېرى بالىلارغا ئارىلاشمايدىغان، ئۆزى يالغۇز پائالىيەت قىلىدىغان جىمغور قىزغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ كۈندىن-كۈنگە تۆۋەنلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئەنسىرىتىپ قويدى. ئۇلار سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، سۈنەييەنىڭ دادىسى ھەم ئاچىسىنىڭ مېيىپلىقىنى، يېقىندىن بۇيان ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى بولمىغاچقا، ئائىلىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. دەل مۇشۇ پەيتتە مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى لى چېڭبو ئۆزى تەلەپ قىلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر سۈنەييە ئائىلىسى بىلەن تۇغقانلاشتى. ئۇمۇ بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگىلى ئانچە ئۇزاق بولمىغاچقا، سۈنەييەنىڭ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم بېرىپ ئائىلە ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئائىلە بىلەن تۇغقانلىشىپ توغرا قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ سۈنەييەگە ئاتىدارچىلىق قىلىشنى باشلىدى. ئۇنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ ئۈستىبېشىنى يېڭىلىدى، سومكا، ئوقۇش قوراللىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئايرىم تەكرار قىلىپ بەردى. لى چېڭبونىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى، ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئاتا-ئانا مېھرىگە ئېرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز پەرزەنتىدەك كۆرەتتى. ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ ناھايىتى مېھرىبان، كۆيۈمچان ئايال بولۇپ، سۈنەييەنى ھەر ھەپتە ئاخىرى ئۆيىگە ئەكىلىپ يۇيۇندۇرۇپ، چېچىنى چىرايلىق تاراپ قوياتتى. لى چېڭبو قىزى سۈنەييەگە كىيىم ئالغاندا، ئۇنىڭ مېيىپ ئاچىسى سۈمەييەگىمۇ تەڭ قوشۇپ ئالاتتى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى پات-پات يوقلاپ، كەم-كوتىلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرەتتى.

  بىر كۈنى كەچتە مەكتەپتە دىجورنىلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلار كاۋاپ ئەكىرگۈزۈپ يېدى. لى چېڭبو ئىككى زىخ كاۋاپنى ئۆزى يىمەي، ئايرىم قويۇپ قويدى. بۇنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچىلار «كاۋاپنى كېچىدە قورسىقىڭىز ئاچقاندا يەي دەپسىز-دە» دەپ سورىغىنىدا، لى چېڭبو «قىزىم سۈنەييە كېچە-كۈندۈز ئۆگىنىش قىلىپ ئورۇقلاپ قالدى، شۇڭا ئۇنىڭغا قىسىنىپ قالدىم» دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچىلار دادا-بالىنىڭ مۇھەببىتىدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندى. سۈنەييە لى چېڭبونى نەدە كۆرسىلا «دادا» دەپ چاقىراتتى، لى چېڭبومۇ بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلىناتتى، ئۇلارنى كۆرگەن كىشىلەر ھەقىقىي دادا-بالا دەپ ھېس قىلىشاتتى. ھازىر سۈنەييەنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى، مەكتەپتە ئىنتايىن چىقىشقاق، خۇش پېئىل، پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغان پائالىيەتچان قىزغا ئايلاندى، ئۆگىنىشتىمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىدى. سۈنەييە لى چېڭبو دادىسىنىڭ ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتۇش ئۈمىدىنى يەردە قويماي تىرىشىپ ئوقۇپ، ياراملىق ئادەم بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدى.

  بۇ مەكتەپتە يىراق يېزىلاردىن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى. لى چېڭبو بىر كۈنى خېجىڭ بازىرىنىڭ گۇڭخارا كەنتىلىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر مەۋسۇملۇق 380 يۈەن قاتناش پۇلىنى تاپشۇرالمىغانلىقى سەۋەبلىك، شوپۇر ئۇنى مىنبوستىن چۈشۈرۈۋېتىپ، نەچچە كىلومېتىر يولنى پىيادە ماڭغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال شوپۇرنى تېپىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن كىرا ھەققىنى تاپشۇرالمىغان بالىلار بولسا، ئۇدۇل ئۆزىنى ئىزدىشىنى، بالىلارنى يولدىن قويماسلىقنى تاپىلىدى. لى چېڭبونىڭ تۇرمۇشى ئۇنچە باياشات بولمىسىمۇ، مەكتەپتە قايسى بالا ئوقۇش قوراللىرى، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى سېتىۋالالمىغان بولسا، ئۇ دەرھال ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئېلىپ بېرەتتى.

  لى چېڭبو 20 نەچچە يىل بۇرۇن، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى (ئىلگىرىكى قەشقەر ئىنستىتۇتى)نىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتىپ، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ يىراق يېزىسىدىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. ئۇ 20 نەچچە يىل ئۇيغۇر بالىلارغا سىنىپ مۇدىرى بولۇش جەريانىدا، بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىدىن داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلىرىنى قوش تىلدا ناھايىتى ئەتراپلىق تەربىيەلىدى. 2016-يىلى ئۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارغا «ئاتا» بولدى. ئۇ نېمە ئىش قىلسۇن، نەدىلا ئىشلىسۇن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، سەمىمىي بولۇپ، قوش تىللىق ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئىش ئورنىدا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2015-يىلى ئۇ بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالاندى.

  چېھرى ئايدەك ئايگۈل

  خېجىڭ ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مەكتەپ دوختۇرى ئايگۈل مۇسا ياسىغان تورت بىلەن ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە بەزىدە سىنىپتا، بەزىدە پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ ئۆيىدە، يەنە بەزىدە ئايگۈل مۇسانىڭ ئۆيىدە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلەتتى. بالىلار ھەر قېتىم تۇغۇلغان كۈنى كېلىش ئالدىدا ئۆز ئانىسىدەك كۆرىدىغان ئايگۈل مۇساغا ئارزۇلىرىنى ئېيتىشاتتى، بالىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئايگۈل مۇسامۇ بۇ قۇتلۇق كۈننى مول مەزمۇنلۇق، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەتتى.

  ئايگۈل مۇسا بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگەن بەش يىلدىن بۇيان، بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۇنىڭغا يادا بولۇپ كەتتى. ئۇ ھەر ھەپتىسى دېگۈدەك بالىلارنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارغا بالىلار ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ بېرەتتى، ئۇلارنى يۇيۇندۇرۇپ، ئۇلارغا ئائىلە، ئانا مېھرىنى ھېس قىلدۇراتتى.

  ئايگۈل مۇسانىڭ يەنە بىر تۇغقىنى بار، ئۇ ئايگۈل مۇسا بىلەن بىر قورۇدا ئولتۇرىدىغان بىر پۇتى يوق 81 ياشلىق مېيىپ بوۋاي ليۇ جىڭجۇڭ. بۇ بوۋاي چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقا يۇرتلاردا خىزمەت قىلغاچقا، ۋاقتىدا كېلىپ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ بولالمايتتى. ئايگۈل مۇسا بۇ بوۋاي-موماينىڭ قارىغۇچىسى يوقلىقىنى بىلىپ، ئۇلار بىلەن تۇغقانلاشتى. ئايگۈل مۇسانىڭ دادىسى يۈرەك كېسىلى بىلەن ياشلا تۈگەپ كەتكەچكە، ئايگۈل مۇسا دادىسىنى بىرەر كۈن بېقىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەنىدى، شۇڭا ئۇ قورۇسىدىكى ليۇ جىڭجۇڭ بوۋاي بىلەن تۇغقانلىشىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش، پات-پات ئۆيىگە كىرىپ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، دورىلىرىنى ئەكىلىپ بېرىش، ئوخشىغان تاماق ئەتسە، ئۇلارغىمۇ بىر قاچا سۇنۇش ئارقىلىق مېھرىبانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولدى... بۇ ئىككى ئائىلە چاغاندا بوۋاينىڭ ئۆيىدە، ھېيت-ئايەملەردە ئايگۈل مۇسانىڭ ئۆيىدە بىللە بايرام ئۆتكۈزۈپ، بوۋاي-مومايلار غىرىبلىقنى، ئايگۈل مۇسا يېتىملىقنى ھېس قىلمايدىغان بولدى. ئايگۈل مۇسا ئائىلىسىدىكىلەر ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قانداق بايرام، پائالىيەتلەردە بوۋاينى چاقلىق ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ، بىللە ئېلىپ بېرىپ ئايلاندۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇردى. ئۆيدىن تالاغا چىقالماي ئىچى پۇشۇپ كېتىدىغان بوۋايمۇ بىر قورۇدا ئولتۇردىغان قىزى ئايگۈل مۇسادىن بەكمۇ مىننەتدار ئىدى. ئۇ ئاخىرقى ئۆمرىدە مانا مۇشۇنداق كۆيۈمچان قىزغا ئۇچراشقىنىدىن خۇشال بولۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويغان پارتىيە، ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلىدىن تەشەككۈر ئېيتىپ كېتەتتى.

  1997-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن ئايگۈل مۇسا خېجىڭ ناھىيەسى بۇلغۇنتاي بازارلىق دوختۇرخانىغا ئىشقا چۈشتى. بۇ دوختۇرخانىدا ئايگۈل مۇسا بىردىنبىر ئۇيغۇر ئىدى، ئۇ 15 يىل خەنزۇ، موڭغۇل خىزمەتداشلار بىلەن ناھايىتى ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ بىللە ئىشلىدى، 2013-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن خېجىڭ ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپكە مەكتەپ دوختۇرى بولۇپ ئالمىشىپ كەلدى. ئۇ ناھىيەگە ئالمىشىپ كەلگىنى بىلەن بۇرۇنقى خىزمەتداشلىرى بىلەن دائىم ئىزدىشىپ تۇردى. ئۇنىڭ موڭغۇل خىزمەتدىشى بايىن بالىسى يۈ يۈنى ناھىيە ئىچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا بەرگەنىدى، بازار بىلەن ناھىيەنىڭ ئارىلىقى 60 كىلومېتىر بولغاچقا، ئۇ دائىم قىزىنى يوقلاپ بولالمايتتى، شۇڭا ئۇ قىزىنى ئايگۈل مۇساغا تاپشۇردى. ئايگۈل مۇسا ئۇ قىزنى يوقلاپ تۇراتتى، ھەپتە ئاخىرلىرى ئۆيىگە ياندۇرۇپ ئەكىلىپ بالىلىرى بىلەن بىللە بېقىپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلدى.

  ئايگۈل مۇسا ئاددىي بىر مەكتەپ دوختۇرى. لېكىن ئۇ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا بالىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، ئۇلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ساغلاملىقىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. ئۇ ئائىلىسىدە شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ ئىككى پەرزەنتى ۋە ئۆيىدىكىلەرگە تاماق ئېتىۋېتىپ، مەكتەپتىكى ياتاقلىق بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، تۇغقىنى ليۇ جىڭجۇڭ بوۋاينى يوقلايتتى...

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر