مانىۋېردا، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم شى تانكا تۈركۈمى بازىنى ئىگىلىمەكتە (2016-يىلى 9-ئاينىڭ 20- كۈنى تارتىلغان) .
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم شىسىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بوران، چاڭ-توزانلىق ناچار ھاۋارايى شارائىتىدا قوماندانلىق ماھارىتى، جىسمانىي ئىقتىدار، قارىغا ئېتىش قاتارلىق تۆت چوڭ تۈردىكى ئون نەچچە ئەمەلىي تېمىدا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىي ئۇرۇشقا يېقىنلاشقان سىناققا بەرداشلىق بەردى، 30دىن ئارتۇق ئوفىتسېر مۇناسىۋەتلىك تۈرلەردە يېڭى پىروگراممىدا بەلگىلەنگەن تولۇق نومۇرنى ئالدى.
بۇ شى جىڭگاڭشەندە دۇنياغا كەلگەن، نەننىۋەندە ئۆسۈپ يېتىلگەن، تەڭرىتاغدا تۆھپە قازانغان قىزىل ئارمىيە قىسىمى بولۇپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئارمىيە-خەلق تەرىپىدىن «تەڭرىتاغدىكى قۇدرەتلىك قوشۇن» دەپ ئاتالدى. نەچچە ئەۋلات ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، «بۇيرۇق ئالدىدا باش تارتماسلىق، كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا شەمشەرنى سۇغۇرۇشقا جۈرئەت قىلىش، ھالقىلىق پەيتتە ئىككىلىنىپ قالماسلىق»تەك شى روھىنى شەكىللەندۈردى. ئۇلار ئادەتتىكى ھەر بىر قېتىملىق مەشىقنى ئەمەلىي جەڭ، قۇدرەتلىك قوشۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيەت ھېسابلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى