باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇرۇگۋاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2018.04.25 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇرۇگۋاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 23- چېسلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇرۇگۋاي مائارىپ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇنىئوس، بېيجىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى نىڭ بىن، ئۇرۇگۋاينىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رۇگېرىس، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى لاتىن ئامېرىكىسى، كارىب مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لەن خۇ، ئۇرۇگۋاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۈەن شۆدۇ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. جۇڭگونىڭ ئۇرۇگۋايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇ تەتقىقات مەركىزىگە خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى. جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىس ئالىملىرى ۋە تاراتقۇ ۋەكىللىرى قاتارلىق 300دىن ئارتۇق ئادەم مۇراسىمغا قاتناشتى.

  ئۇرۇگۋاينىڭ مائارىپ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇنىئوس تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇرۇگۋايغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە قىزغىنلىقى جۇڭگو - ئۇرۇگۋاي ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ناماياندىسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ قەلبىنى يېقىنلاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر