- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە موسكۋادا ئىسپىرت ئىچىملىك سېتىش مەنئى قىلىندى
2018.04.26 15:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: موسكۋا رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى 25- ئاپرېل مۇنۇلارنى دېدى: 2018 - يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، موسكۋا ھۆكۈمىتى ئالاھىدە ۋاقىتلاردا ۋە قىسمەن بۆلەكلەردە ئىسپىرت ئىچىملىكلىرىنى سېتىش پائالىيىتىنى چەكلەيدۇ.
رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر ئىدارىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ دېگەن سۆزىگە ئاساسلانغاندا، موسكۋا شەھىرى ھۆكۈمىتى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە لۇجىنىكى تەنتەربىيە مەيدانى، سىپارتاك تەنتەربىيە مەيدانى، قۇشقاچ تاغ توپ مەستانىسى تەنتەنە رايونى ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىگە ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە ئىسپىرتلىق ئىچىملىك سېتىش پائالىيەتلىرىنى چەكلىمەكچى ئىكەن. چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى مۇسابىقە كۈنى ۋە ئالدىنقى كۈنى كەچكىچە بولىدىكەن. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: موسكۋا ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار تۈزۈم چىقىرىپ، مەست ھالدىكى توپ مەستانىلىرىنى جىددىي داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. 6- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، 21- نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى موسكۋا، ساينىت پېتىربورگ، قازان ۋە كالىنىنگراد قاتارلىق 11 شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. موسكۋادا 12 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر