26- ئاپرېل، بىر نەپەر پويىز خادىمى لەنجۇ-جاڭيې- جيايۈگۇەن-دۇنخۇاڭ ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ ئىچىدە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريولى لەنجۇ تۆمۈريول ئىدارىسى شىركىتى «غەربىي رايوننى ئايلىنىش پويىز ساياھىتى» مەخسۇس پويىزلىق ساياھەت تۈرىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۆمۈريول يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، تۆمۈريول «يولۇچى توشۇش+ساياھەت» نىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «غەربىي رايوننى ئايلىنىش پويىز ساياھىتى» مەخسۇس پويىزىدا خاس قاۋاقخانا ۋاگون، KTV ۋاگونى، بالىلار ئويۇن ئويناش ۋاگونى، چاي سەنئىتى ۋاگونى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان، ھەمدە يەنە لىنىيە بويىدىكى مەنزىرە رايونلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلغان بولۇپ، ئېھتىياجغا ماس كېلىدىغان مۇلازىمەت تۈرلىرى تەمىنلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن، يولۇچىلار كۈندۈزى ساياھەت قىلىپ، مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ كېچىدە ئارام ئالىدىغان، يولۇچىلار ئۈچۈن يېپيېڭى پويىز ساياھەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى