باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى غەربىي تاشقى ئايلانما يولىنىڭ بىر قىسىم يەر يۈزى يول بۆلەكلىرىدە 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يول ئېتىلىپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ

2018.04.26 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت يولىنى غەربكە ئۇزارتىش تۈرى غەربىي تاشقى ئايلانما يولىنى كېسىپ ئۆتۈدىغانلىقتىن، 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ غەربىي تاشقى ئايلانما يولىنىڭ تەخمىنەن 150 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەر يۈزى يولىدا قوش يۆنىلىش بويىچە يول ئېتىلىدۇ، بۇ يول قوش يۆنىلىش بويىچە تاقىلىپ، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ، تاقىلىش ۋاقتى 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، شوپۇرلار ۋاقتىنچە يان يولدىن يۈرسە بولىدۇ.

  4-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر تېببىي ئۇنىۋېرسىتىتېت يولىنى غەربكە ئۇزارتىش تۈرى بىلەن غەربىي تاشقى ئايلانما يولىنىڭ كېسىشكەن قۇرۇلۇش مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپنىڭ غەربىي تاشقى ئايلانما يولىنىڭ غەربىي تەرىپىدە يېڭىدىن قوش يۆنىلىش بويىچە تۆت ئاپتوموبىل ئۆتۈشەلەيدىغان يان يول ياساپ قويغانلىقىنى كۆردى، يان يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە سېرىق رەڭلىق سۈرئەتنى چەكلەش بەلگە تاختىسى ۋە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈش بەلگە تاختىسى ئېسىپ قويۇلغانىدى.

  تېببىي ئۇنىۋېرسىتىتېت يولىنى غەربكە ئۇزارتىش تۈرى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى ۋە يول قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاۋۋال يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى ئىشلىنىپ، ئاندىن يەر ئۈستى يولىدا قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ. ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ئايدىڭ كۆل يولى، سۇجۇ يولىنى غەربكە ئۇزارتىش تۈرى، سۈنئىي ھەمراھ يولى قاتارلىق نۇرغۇن تورسىمان ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، «يول سىرتمىسى» مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. يول قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت يولىنى غەربكە ئۇزارتىش تۈرى بىلەن غەربىي تاشقى ئايلانما يولىنىڭ يەر يۈزى يوللىرى ئۇلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر