باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان بەش تىپىك دىلونى ئاشكارىلىدى

2018.04.26 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تىپىك دېلو مىساللىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان بەش تىپىك دېلو مىسالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ بەش تىپىك دېلو مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

  1. باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى نيۇ شۇنچىڭنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات بېرىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما تارقىتىش مەسىلىسى. 2013-يىلى 1-ئايدىن 2017-يىلى 6-ئايغىچە، نيۇ شۇنچىڭ كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىپ، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ سوۋغات قىلغان، جەمئىي ئىشلەتكەن سوممىسى 63 مىڭ 400 يۈەن بولغان. تولۇق ئىشقا چىققانلىق مۇكاپاتى نامى بىلەن ئىدارىدىكى كادىر-خىزمەتچىلەرگە قوشۇمچە ياردەم پۇلىدىن 63 مىڭ 800 يۈەن تارقاتقان، ئۆزى 2400 يۈەن ئالغان. ئۇنىڭدىن سىرت، نيۇ شۇنچىڭنىڭ باشقا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلىرى بار. 2018-يىلى 2-ئايدا، نيۇ شۇنچىڭغا پارتىيەدە ئىككى يىل قالدۇرۇپ سىناش، ئىش ئورنىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلدى.

  2. كۆكتوقاي ناھىيەسى قاراتۈڭكە بازىرى تاستاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لەن شياۋچىننىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئۆي چېيى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى. لەن شياۋچىن يېڭى ئۆيگە كۆچۈش نامى بىلەن زىياپەت بېرىپ، دوستلىرى، شۇ كەنتنىڭ ئاھالىسى بولۇپ 160 تىن ئارتۇق كىشىنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىپ، جەمئىي 17 مىڭ 300 يۈەن قىممىتىدىكى پۇل ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان. 2017-يىلى 12-ئايدا لەن شياۋچىنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  3. قورغاس شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كادىرى توڭ بوسۇڭ، ليۇ ۋېينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەلۇم ئۆي-زېمىن شىركىتى تەشكىللىگەن كۆڭۈل ئېچىش زىياپىتىگە قاتنىشىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلىق مەسىلىسى. 2018-يىلى 2-ئايدا، توڭ بوسۇڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، ئىش ئورنى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلدى، ليۇ ۋېيغا مەمۇرىي جەھەتتە چوڭ جازا بېرىلدى.

  4. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئورگان مۇلازىمەت مەركىزى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ شياۋخۇانىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2016-يىلى 8-ئايدىن 2017-يىلى 2-ئايغىچە، ياڭ شياۋخۇا كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى بىلەن نەرسە-كېرەك توشۇغان، شەخسىي ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن، ئائىلىسىدىكىلەرنى توشۇغان، تۇغقانلىرىغا ئۆي كۆچۈشۈپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ياڭ شياۋخۇانىڭ باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى بار. 2018-يىلى 1-ئايدا، ياڭ شياۋخۇاغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي جەھەتتە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسى بېرىلدى.

  5. مارالبېشى ناھىيەسى شامال يېزىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئۆمەر يۈسۈپنىڭ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشخانا سەپلەش مەسىلىسى. 2017-يىلى 11-ئايدا، ئۆمەر يۈسۈپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئومۇمىي كۆلىمى 41.4 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆيدىن ئۈچ ئېغىزنى سەپلەپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىشخانا، كۈتۈۋېلىش ئۆيى، دەم ئېلىش ئۆيى قىلغان. ئۆمەر يۈسۈپكە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  يۇقىرىقى بەش تىپىك مەسىلە ھەم ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا، ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى دېلو پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسى يەنە مەۋجۇت ئىكەنلىكى، تەكرارلىنىش خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرىدۇ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈشتەك يوشۇرۇن ئاپەتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  2018-يىلى «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، كىچىك ئىش، كىچىك ھالقىلاردىن سىياسەتنى، ئوبرازنى، ئادىمىلىكنى بىلىپ، پارتىيەگە سادىقلىقىنى كونكرېت ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى بويىچە ئۆزىنى چەكلەپ، ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى لازىم. ئۆزىنى ۋە ئىدىيەسىنى توغرىلاپ، باشتىن - ئاخىر

  «شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمەن كادىرلارنىڭ ئىستىلدا دۇرۇس بولماسلىقى » دېگەن بۇ ئىلمىي ھۆكۈمنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، «تۆت خاھىش» ، «تۆت كەيپىيات»نى تۈزىتىشنى پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ ، سىياسىي ئەخلاقىنى يېتىشتۈرىدىغان زۆرۈر دەرسلىك، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشتىكى ئالتۇن تېشى قىلىشى لازىم.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، بايرام مەزگىلىدە ئاسان يۈز بېرىدىغان، كۆپ يۈز بېرىدىغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق «تۆت خاھىش» مەسىلىسىگە قارىتا چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەي، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، ۋاقتى ئۇزارغانسېرى ئىنتىزامنى تېخىمۇ قاتتىق چىڭىتىپ، قەتئىي پوزىتسىيە، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ نام كارتىسىنى ئۈزلۈكسىز نۇرلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر