خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 72-جىتۇەنجۈن مەلۇم قۇرۇلۇش خىمىيىۋى قورال لۈيسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەلۇم تارماق ئېقىمىدا لەيلىمە كۆۋرۈك سېلىش مەشق تۈرلىرىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەشىقى قىلماقتا. لەيلىمە كۆۋرۈك مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇراشتۇرۇلغاندىن كېيىن تانكا تېز سۈرئەتتە كۆۋرۈكتىن ئۆتتى (25-ئاپرېل تارتىلغان).
ئۈچ كۈنگە سوزۇلغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇلۇش خىمىيىۋى قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش قىسىملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەشىق مانىۋىرى 26-ئاپرىل نەنجىڭدە ئاياغلاشتى. مانىۋېر ئايرىم سەپەرۋەرلىك قىلىش ئالماشتۇرۇش، نەزەرىيە دەرىسى ئۆتۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش، مۇھاكىمە يەكۈن قىلىش قاتارلىق تۆت بۆلەك بويىچە ئېلىپ بېرىلدى.
72 - جىتۇەنجۈن مەلۇم قۇرۇلۇش خىمىيە لۈيسى قۇرۇلۇش ھۇجۇم ئەترىتىنىڭ شەھەر-بازار ئىچىدە پارتلاتقۇچ ئىزدەش-يېشىش ھەرىكىتى، كېمە كۆۋرۈك قويۇپ ئۆتۈش ئۇنىۋېرسال مانېۋىرى، نىقابلىنىش ۋاستىسىنى ئۇرۇشتا قوللۇنۇش، يەككە ئەسكەرنىڭ خىمىيىلىك چارلاش ۋەزىپىسى قاتارلىق 15 مەشق تۈرلىرىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى