باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋرگە ئاتلىنىپ، شيۇڭئەن شەھىرى قۇرۇپ چىقايلى

___ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلان پىروگراممىسى» تۈزۈشنى پىلانلاپ يېتەكلىگەنلىكىدىن خاتىرە

2018.04.27 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپرېل ئېيىدا شيۇڭئەن زېمىنى قاينام-تاشقىنلىققا تولدى.

  شيۇڭئەن ___ «مىڭ يىللىق ئۇلۇغ پىلان، دۆلەتنىڭ زور ئىشى»دىن ئىبارەت مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئۈستىگە ئالغان كەلگۈسى شەھەر تارىخىي بىر كۈننى كۈتۈۋالدى.

  2017-يىلى 1-ئاپرېل ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى «خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلان پىروگراممىسى» پۈتۈن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى.

  شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، بىر تۈرلۈك تارىخىي قۇرۇلۇش بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ھەممە كۆز تىكتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى تەدبىر بەلگىلەپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ شيۇڭئەن يېڭى رايونى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شيۇڭئەن سۈپىتى» بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىش كېرەك.

  بىر دەۋردە بىر دەۋرنىڭ بەلگىلىك يارقىن نۇقتىسى بولىدۇ.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئالدىن بۆسۈش ھاسىل قىلغان شېنجېن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى «شېنجېن سۈرئىتى»نى ياراتتى؛

  40 يىلدىن كېيىن قايتا يولغا چىقىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرگەن جۇڭگو «شيۇڭئەن سۈپىتى»نى كۈتۈۋالدى.

  بىرىكمە كۈچ توپلىنىپ، كۆپنىڭ ئەقلى مۇجەسسەملىنىپ، ئۇلۇغ پىلان كۆرسىتىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پىلانلاپ يېتەكلىشى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالىي دەرىجىلىك پىلانلاش ئەترىتىنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تۈزىشى بىلەن شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلانىغا يېڭى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئىدىيەسى يىغىلىپ، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەتلىك زامانىۋى ئۈلگىلىك شەھەر قەد كۆتۈردى...

  تارىخىي قۇرۇلۇش ___ باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخقا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن شىيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلاپ، پىلانلاپ تۈزۈش جەريانىدا يولۇققان زور مەسىلىلەرنى تۇتۇپ يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇپ پىلانلىدى.

  «شيۇڭئەن يېڭى رايونى بىزنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرغان تارىخىي مىراسىمىز، چوقۇم <دۇنياۋى نەزەر، خەلقئارا ئۆلچەم، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، يۇقىرى نۇقتىدىن ئورنىنى بېكىتىش > ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرغان يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.» ___ شى جىنپىڭ

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر