باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قوشماق تۇغقانلار جەم بولدى، كۆڭۈللەر شادلىققا تولدى

2018.04.27 14:45   مەنبە: خەلق تورى

قوشماق تۇغقانلار جەم بولدى، كۆڭۈللەر شادلىققا تولدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆڭكۆۋرۈككە جايلاشقان خەلقئارا بازار رېستۇرانىنىڭ تەڭرىتاغ ئايرىمخانىسى مېھمانلار بىلەن لىق تولدى. بۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك ئىناق ئۆتۈۋاتقان ھەر مىللەت قېرىنداشلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھازىرقى خۇشال-خۇرام، بەختىيار تۇرمۇشنى مەدھىيەلىدى.

  بۈگۈنكى پائالىيەتنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات فوندى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقئارا بازىرى ئاھالىلەر كومىتېتىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىش ۋە تىجارەت قىلىش جەريانىدا، ئۇزاق يىلدىن بۇيان بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ كېلىۋاتقان ھەر مىللەت قەدىناس تۇغقانلار ھەم يېڭىدىن تۇغقانلىشىپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە يېقىندىن ئاۋاز قوشۇۋاتقان قەدىردانلار قاتنىشىپ، داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ نادىر نومۇرلىرى، ئېتوت، كۈلدۈرگىلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىپ، قانغۇچە مۇڭدىشىپ، تۇغقاندارچىلىق ۋە دوستلۇق رىشتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان سەي يىخۇاڭ مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭدا ياشاۋاتقىلى 60 يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر خىزمەتداشلار، قولۇم-قوشنىلار بىلەن نېمە تاپساق تەڭ يەپ، خۇشاللىق، خاپىلىقلىرىمىزغا ھەمدەم بولۇپ، قېرىنداشلاردەك ياخشى ئۆتتۇق. مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئىچكىرى ئۆلكىدە، «يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دېگەن گەپ بار. بىزنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ھەر ۋاقىت يېنىمىزدا. تىل بىلمىسە دىلنى بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇرچە ئۆگەندىم. 2006-يىلى پېنسىيەگە چىقىپ، قانۇن مۇلازىمەت ئورنى ئاچتىم. ئۇيغۇر تىلىغىمۇ پىششىق بولغاچقا، نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قانۇن جەھەتتە يولۇققان مەسىلىلىرىگە مەسلىھەت بېرىپ، ياردەم قىلىپ كەلدىم. بۈگۈن بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان سىڭلىم ھەلىمە ئابدۇكېرىم بىلەن بىللە قاتنىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن قانغۇچە مۇڭدىشىۋالدىم. بىز بۇرۇن بىللە ئىشلىگەن، ئاكا-سىڭىللاردەك ئىنتايىن ياخشى ئۆتكەن. بىز كۆچۈپ كەتكىلى خېلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، مۇناسىۋىتىمىز ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق، قىزىممۇ دائىم ھەلىمە ئاپىسىنى يوقلاپ تۇرىدۇ. ھەلىمە ئۆزى كېلەلمىسە، بالىلىرىنى مېنى يوقلاپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. ئىككى ئۆينىڭ بالىلىرىمۇ ئۇرۇق-تۇغقان قېرىنداشلاردەك ياخشى ئۆتىدۇ. بۈگۈنكى پائالىيەتتە ھەر مىللەت سەنئەتكارلار ئورۇنلىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەيدىغان نادىر سەنئەت نومۇرلىرى بىزنىڭ كەيپىياتىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. مۇشۇنداق پائالىيەتلەر كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق تېخىمۇ كۈچەيتىلسە، دېگەن ئۈمىدتە مەن. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرغا قويغاندەك «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ» تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە تىرىشساقلا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قىزىل تاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىلھام ئاتاۋۇللا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش، مۇشۇ پائالىيەتنى شىنجاڭدا ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى ھەر جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۈرۈش مەقسىتىدە، 2017-يىلى 1-ئايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات فوندىنى قۇرغان. پارتىيە مېنى ئۇزاق يىل تەربىيەلىدى، پارتىيە شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ. پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ھەم ئەتراپتىكىلەرنى يېتەكلەپ، بەختىيار تۇرمۇشنى قەدىرلەش، ئىتتىپاقلىقنى كۆز قارىچۇقىمىزدەك ئاسراش مەقسىتىدە بۇ فوندىنى تەسىس قىلغان ئىدۇق. بىر ئادەمنىڭ كۈچى ھامان چەكلىك بولىدۇ. كۆپچىلىك ئىتتىپاقلاشقاندا ياخشى ۋەزىيەت، ياخشى تۇرمۇشنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.

  بېيىجىڭ AB مائارىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇلخەبىر مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن شىنجاڭدا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم. مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆپ كۆرگەن. كىچىمدىن تارتىپ قوشنىمىز ۋاڭ مىڭ قاتارلىق ساۋاقداشلار بىلەن مۈكۈ-مۈكۈلەڭ ئويناپ چوڭ بولغان، شۇڭا كىچىك ۋاقتىمدا مېنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەم باشقا بالىلارنىڭكىگە قارىغاندا خېلى يۇقىرى ئىدى. بېيجىڭ لوخۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە، مەكتەپتىكى جەي مۇئەللىم ۋە باشقا نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشى، ئىنگلىزچىدە مېنى يېتەكلىشى بىلەن، كىچىكلا ئائىلىدىن ئايرىلغان بولساممۇ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتە قىينالماي، ياخشى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىنمۇ ئىچكىردىكى سۇڭ خاۋ قاتارلىق ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا ئىگىلىك تىكلەپ، تېخنىكىلىق شىركەتلەرنى، ھەر خىل تىلدىكى تور مەكتەپلەرنى قۇردۇق. ھازىر شىركىتىمىز دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەت دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. بۇنىڭ ھەممىسى مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگەنگىنىمنىڭ، خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم ۋە خەنزۇ دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە تىرىشقانلىقىمنىڭ نەتىجىسى. دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش بىزنى ياخشى پۇرسەت ۋە ئويلىمىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ، شۇڭا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇشۇنداق پائالىيەتلەر كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلسە، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە مېھىر-مۇھەببەت تېخىمۇ كۈچىيىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…