باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەشنى تەكشۈرۈش سۇپىسى تەسىس قىلىندى

2018.04.27 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 25-كۈنى 32-نۆۋەتلىك «مەملىكەت بويىچە بالىلارغا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كۈنى». مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرىدىكى ئاتا-ئانىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى ھۆكۈمەت تور بېكىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش ئەھۋالى، ئۆز پۇلىغا ۋاكسىنا ئەملەشنى سۈرۈشتۈرۈش، بالىغا ۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى قاتارلىقلارنى چۈشىنەلەيدىكەن.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 35 رەقەملىك ئامبۇلاتورىيەنىڭ ھەممىسى توردا ۋاكسىنا ئەملەشنى ئالدىن كېلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئاتا-ئانىلار ئۈرۈمچى شەھىرى ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى ھۆكۈمەت ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەشنى توردا ئالدىن كېلىشىپ قويۇش، ۋاكسىنا ئۇچۇرى بىلەن ئەسكەرتىش قاتارلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدىكەن ھەمدە بۇ سۇپا ئارقىلىق بالىنىڭ ئىلگىرىكى ۋاكسىنا ئەملىتىش خاتىرىسى ۋە ۋاكسىنىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى كۆرەلەيدىكەن، ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاكسىنا ئەملەش ئورنى ۋە ۋاقتىنى جانلىق تاللىيالايدىكەن.

  بۇ سۇپا بالىنىڭ يېشى، تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ئالدىنقى قېتىملىق ئەملەش تارىخىغا ئاساسەن، بالىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئەملەش ۋاقتى ۋە ۋاكسىنا ئەملەش تۈرىنى ھېسابلاب كۆرسىتىدىكەن ھەمدە بالىلارنىڭ ئالتە ياشتىن بۇرۇنقى مۇكەممەل ۋاكسىنا ئەملىتىش پىلان جەدۋىلىنى ئاتا-ئانىلارغا كۆرسىتىپ بېرىدىكەن، ئاتا - ئانىلارغا بالىلىرىنى ۋاقتىدا تور نۇقتىسىغا ئېلىپ بېرىپ ۋاكسىنا ئەملىتىشنى ئەسكەرتىدىكەن. بۇ سۇپا يەنە قەرەلسىز ھالدا ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش ئەملەش بىلىملىرىنى تەۋسىيە قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنى ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر