باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىشى ئۈچۈن

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا

2018.04.28 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەزىرىنى باشتىن-ئاخىر ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ھەيۋەتلىك چاڭجياڭ دەرياسىغا تاشلاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىنىڭ دىيالېكتىكىلىق قائىدىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتىي كۈچىنى ساقلىشىنىڭ تەرەققىيات يولىنى پىلانلىدى. 2018-يىلى 4-ئاي، پۈتۈن مەۋجۇداتلار جانلانغان مەزگىلدە ئۇ چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا قايتا كەلدى.

  ئۈچ كۈندە ئىككى ئۆلكە، تۆت جايغا بېرىپ، ئالدىراش نۇرغۇن يوللارنى باستى. 24-ئاپرېل، باش شۇجى يىچاڭغا باردى؛ 25-ئاپرېل، جېڭجۇدىن يۆياڭغا ئاندىن يەنە ۋۇخەنگە باردى؛ 26-ئاپرېل چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.سەنشيا توسمىسىدىن يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى، پاراخوت پالۇبىسىدا تۇرۇپ يول كۆرسەتتى، چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا بېرىپ نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈردى، دۇڭتىڭ كۆلى بويىدا چەكسىز تۇمان دولقۇنلىرىغا قارىدى... كىشىلەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ ئانا دەريانىڭ بۈگۈنكى ئۆزگىرىشلىرىدىن تەسىرلەندى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ۋە شانلىق نەتىجىسى، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 يىلدىن بۇيان باسقان قەدىمى ۋە كۈرىشى، يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئۇقۇم ۋە يېڭى كەيپىياتلار 6300 كىلومېتىر كېلىدىغان چاڭجياڭ دەرياسىدا ئىز قالدۇردى.

  چاڭجياڭ دەرياسىغا باققانلىق، جۇڭگوغا باققانلىق؛ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىگىلەش مىللىي گۈللىنىش مۇساپىسىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىدا: چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم قارار، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيە بولۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئىككى يىل ئىلگىرىكى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى «خۇددى بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك» دەپ سۈپەتلىگەنىدى. 2016-يىلى 5-يانۋار چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى چۇڭچىڭدا ئېچىلغاندا، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى بەزى جايلار تۈرلەرنى تېز سۈرئەتتە يولغا قويۇۋاتقانىدى. يىغىن مەيدانىدىن كەلگەن سادالار جاھاننى لەرزىگە سالدى:

  «نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تەڭ تۇتۇپ كەڭ كۆلەمدە قوغداپ، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق كېرەك».

  «تەڭ تۇتۇپ كەڭ كۆلەمدە قوغداپ، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق» دېگەن سۆز كىشىلەرنى ئويغاتتى. ئاشۇ ۋاقىتتىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىسەك، نېمىشقا بۇ ھۆكۈمنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. ئۇ ۋاقىتتا سىچۈەندىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغىچە، ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئارقا-ئارقىدىن سىگنال بەرگەنىدى. زاۋۇتلارنىڭ پاسكىنا سۇلىرى ئېقىۋاتقان، پىرىستاننى قۇم-شېغىللار قاپلىغان، كېمىلەر قالايمىقان تىزىلغان، سۇ سۈپىتى بارغانسېرى ناچارلاشقان. سۇ يولىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى «بوغۇلۇپ»، ئوتتۇرا ئېقىنى «توسۇلۇپ»، يۇقىرىقى ئېقىنى قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى، دەريا، كۆل، سۇلۇق يەرلەر قۇرۇپ قاغجىراپ كەتكەنىدى... ھەممىلا جاي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى. چاڭجياڭ دەرياسى ئېغىر دەرىجىدە خوراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچى ئاغرىپ مۇنداق دېدى: كېسەل بولدى، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى.

  نەچچە ئون يىل شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان چوڭ ئېچىش، چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت كەلدى، بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشقا قۇربىتىمىز يېتىدىغان بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىياتتىمۇ ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قىلىدىغاننى قىلىش تەرەققىيات، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقمۇ تەرەققىياتتۇر، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر