باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى

2018.05.02 14:27   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بارگاس بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە ئاخباراتى»نى ئىمزالىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 1-ماي چۈشتىن بۇرۇن دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بارگاس بىلەن بېيجىڭدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە ئاخباراتى»نى ئىمزالىدى، بىرلەشمە ئاخباراتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئاخبارات ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ھەمدە باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلدى.

  ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئۆزئارا ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىكتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قوشۇلدى.

  دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بارلىقىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى شۇ كۈندىن باشلاپ تەيۋەن بىلەن بولغان «دېپلوماتىك مۇناسىۋەت»نى ئۈزىدۇ.

  جۇڭگو-دومىنىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتىغا بېيجىڭدا ئىمزا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، دومىنىكا زۇڭتۇڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، تەيۋەن رايونى بىلەن بولغان ئاتالمىش «دىپلوماتىك مۇناسىۋەت»نى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شېنجېن باۋئەن رايۇنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن تۇنجى قېت…
    ·گۇاڭشى ئۆلكىسى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى
    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…