باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى نۇقتىدا سىناق قىلىندى:

«ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش»تا باجنى كېمەيتىش ئۈنۈمى گەۋدىلەندى

2018.05.02 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىشىلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈشتە يېڭى تاللاشقا ئىگە بولدى. 2018-يىلى 1-مايدىن باشلاپ، شاڭخەي شەھىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى(شيامېن شەھىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە سۇجۇ سانائەت رايونى شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىدى، ھەر بىر كىشىنىڭ يىللىق ئەڭ يۇقىرى چېكى 12 مىڭ يۈەن بولدى. مۇتەخەسسىسلەر شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى «ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تەدبىرى، دەپ قارىدى.

  شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى __ ئىستېمالچىلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سېتىۋالغاندىن كېيىن باج تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇپ، كېيىن كۈتۈنۈش پۇلى ئالغاندا بەلگىلىمە بويىچە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

  نۇرغۇن ئىستېمالچىلار شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سېتىۋالسا زادى قانداق ئەمەلىي ئېتىبار بارلىقىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۇل مۇئامىلە تەتقىقات ئورنى سۇغۇرتا تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گو جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكى بويىچە ھېسابلىغاندا، شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنىڭ كىرىمى 8000 يۈەندىن 16 مىڭ 667 يۈەن بولغان ئوتتۇرا كىرىملىك كىشىلەرگە نىسبەتەن باجنى كېمەيتىش ئۈنۈمى ئەڭ روشەن، شۇنداقلا 16 مىڭ 667 يۈەن بولغاندا ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن.

  پۇلنى سۇغۇرتا شىركىتىگە تاپشۇرسا، كەلگۈسىدە كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ راستتىنلا قىممىتىنى ساقلاپ ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى تاپاۋەت بېجى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دېڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان ئۇسۇلنى قوللىنىپلا قالماي، پۇل ئېلىش ھالقىسىغا يەنە شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قوشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇقتىدا سىناق قىلىش مەزگىلىدە جۇڭگو سۇغۇرتا ئۇچۇر تېخنىكىسى باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق سۇپىلار بىلەن بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ قېلىپلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىلگىرىكى شەخسىي ئامانەت خاراكتېرىدىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا باجدا ئېتىبار بېرىلمەسلىك ئەھۋالغا خاتىمە بەردى.

  1-مايدىن باشلاپ شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى رەسمىي يولغا قويۇلدى، ھازىر بەزى سۇغۇرتا شىركەتلىرى شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى چىقاردى.

  جۇڭگو تىنچ ئوكيان گۇرۇھىنىڭ لىدىرى خې چىڭ مۇنداق دېدى: سۇغۇرتا شىركىتىگە نىسبەتەن، شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ دەسمايە، مەبلەغ سېلىش، ئىنچىكە ھېسابلاش، ئۇچۇر تېخنىكا قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تىجارەت ئەمەلىي كۈچىنى سىنايدۇ. بۇ خىزمەتنى ئۈستىگە ئالغان سۇغۇرتا كارخانىلىرى كەلگۈسىدە چوقۇم دۆلەتنىڭ سىياسەت بەلگىلىمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىنى نامايان قىلىپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

  ئۇقۇشۇمچە، ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ خەۋپ-خەتەر مايىللىقىغا ئاساسەن، پايدىنى بېكىتىش تىپىدىكى، پايدا تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ قېلىش تىپىدىكى، پايدا لەيلىمە تىپىدىكى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتىنى تاللىسا بولىدىكەن. تىنچ-ئوكيان گۇرۇھىنىڭ سۇغۇرتىلانغۇچىلار ئۈچۈن چىقارغان «كېچىكىپ باج تاپشۇرۇش ھېسابلىغۇچى» بىلەن ھېسابلىغاندا، بىر كىشىنى 30 ياشتىن باشلاپ سۇغۇرتىغا قاتناشتى، ئايلىق كىرىمى 12 مىڭ يۈەن دەپ پەرەز قىلساق، پايدىنى بېكىتىش تىپىدىكى مەھسۇلاتنى تاللىسا 60 ياشقا بارغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى 15 يىلغا بۆلۈپ ئايدا باجدىن كېيىن ئەمەلىي 2855 يۈەن ئېلىپ، جەمئىي 59 مىڭ يۈەن تېجەپ قالالايدىكەن؛ پايدا تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ قېلىش تىپىدىكى مەھسۇلاتنى تاللىسا، يۇقىرىغا ئوخشاش ئەھۋالدا باجدىن كېيىن ئەمەلىي 3396 يۈەن ئېلىپ، جەمئىي 72 مىڭ يۈەن تېجەپ قالالايدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر