باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى 34 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللىدى

2018.04.28 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا «جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىندى.

  «پىكىر»دە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، گۈللەنمە يېشىل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇل مۇئامىلە كەسپى جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق توققۇز تەرەپتىن 34 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، پۇل سىياسىتى ۋە ماكرولۇق ئېھتىيات سىياسىتىدىن ئىبارەت «قوش تۈۋرۈك»لۈك تەڭشەش-تىزگىنلەش رامكىسىدا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك.

  خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى گو جيەنۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پىكىر»دە «قوش تۈۋرۈك»لۈك ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش رامكىسىدا چىڭ تۇرۇش گەۋدىلىك تەكىتلەندى. پۇل سىياسىتى دېگەندە، ئاساسلىقى ئومۇمىي ئىقتىساد ۋە پۇل بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدار مەسىلىسىگە قارىتىلغان، ماكرو جەھەتتىن ئېھتىياتچان بولۇش سىياسىتى كاپىتالنىڭ پىشاڭلىق قۇرۇلما مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تەتبىقلىنىدۇ، ئىككىسى ھەم بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ھەم ئۆز ئالدىغا مۇھىم ئەھمىيىتى بار، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەڭشەش-تىزگىنلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا ئاپتونوم رايون ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر